118
‏1 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر،
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏2 ئىسرائىل: «ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر» دېسۇن.
‏3 ھارۇن جەمەتى: «ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر» دېسۇن.
‏4 پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلارمۇ: «ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر» دېسۇن.
 
‏5 مەن قىيىنچىلىقتا پەرۋەردىگارغا يالۋۇرغىنىمدا،
پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ، مېنى كەڭرى يەرگە چىقاردى.
‏6 پەرۋەردىگار مەن تەرەپتە بولغاچقا،
مەن ھېچ قورقمايمەن.
ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟
‏7 پەرۋەردىگار مېنىڭ يېنىمدىكى مەدەتكارىم بولغاچقا،
دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىمەن.
‏8 ئىنسانغا تايىنىشتىن پەرۋەردىگارغا تايىنىش نەقەدەر ئەۋزەلدۇر.
‏9 خانزادىلەرگە تايىنىشتىن پەرۋەردىگارغا تايىنىش نەقەدەر ئەۋزەلدۇر.
‏10 بارلىق ئەللەر مېنى قورشىۋالدى،
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدىم.
‏11 ئۇلار مېنى قورشىۋالدى، ھەر تەرەپتىن قورشىۋالدى،
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدىم.
‏12 ئۇلار ھەسەل ھەرىلىرىدەك مېنى ئورىۋالدى،
لېكىن ئۇلار يانتاق ئوتىدەك تېزلا ئۆچۈپ كەتتى،
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدىم.
‏13 سەن مېنى يىقىتىش ئۈچۈن قاتتىق ئىتتەرگەچكە يىقىلغىلى تاس قالدىم،
لېكىن پەرۋەردىگار مېنى يۆلىۋالدى.
‏14 پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم ۋە ناخشام.
ئۇ مېنىڭ نىجاتكارىم بولدى.
 
‏15 ھەققانىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا
شادلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ ساداسى ئاڭلىنىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىدۇ.
‏16 پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن،
پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىدۇ.
‏17 مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن،
پەرۋەردىگارنىڭ ئەمەللىرىنى بايان قىلىمەن.
‏18 پەرۋەردىگار ماڭا قاتتىق تەربىيە بەرگەن بولسىمۇ،
بىراق مېنى ئۆلۈمگە تاپشۇرۇپ بەرمىدى.
 
‏19 ماڭا ئادالەتنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىڭلار.
مەن ئىچىگە كىرىپ پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتاي.
‏20 بۇ پەرۋەردىگارنىڭ دەرۋازىسىدۇر،
ھەققانىيلار ئۇنىڭدىن كىرىدۇ.
‏21 ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن،
چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب بېرىپ، مېنىڭ نىجاتكارىم بولدۇڭ.
‏22 تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش
بۇرجەكنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.
‏23 بۇ پەرۋەردىگار قىلغان ئىشتۇر،
بۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئاجايىپتۇر.
 
‏24 بۇ پەرۋەردىگار ياراتقان كۈندۇر،
ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ شادلىنايلى.
‏25 ئەي پەرۋەردىگار، بىزنى قۇتقۇزغىن.
ئەي پەرۋەردىگار، بىزگە بەخت-سائادەت ئاتا قىلغىن.
‏26 پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچى مۇبارەك بولغاي!
بىز پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىن سىلەرگە بەرىكەت تىلەيمىز.
‏27 پەرۋەردىگار بىزگە نۇر بەرگەن خۇدادۇر.
قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە
ھېيت قۇربانلىقلىرىنى تانىلار بىلەن ئىلىپ باغلاڭلار.
‏28 سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن، ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن.
سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن، سېنى ئۇلۇغلايمەن.
‏29 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر.
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.