يەھۇدانىڭ پۇشايمان بولۇشى ۋە ئۆلۈشى
27
1 ئەتىگەن تاڭ ئاتقاندا ھەممە ئالىي كاھىنلار ۋە خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى ئەيسانى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. 2 ئۇلار ئۇنى باغلاپ، ۋالىي پىلاتۇسقا ئېلىپ بېرىپ تاپشۇردى. 3 ئۇنى تۇتۇپ بەرگەن يەھۇدا ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، پۇشايمان قىلدى. ئۇ ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئالىي كاھىنلارغا ۋە ئاقساقاللارغا قايتۇرۇپ: 4 «بىگۇناھ قاننى تاپشۇرۇپ بەرگىنىمدە گۇناھ قىلدىم» دېدى. ئەمما ئۇلار: «بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ نېمە قارىمىز؟ ئۆز ئىشىڭنى بىل!» دېيىشتى. 5 ئۇ كۈمۈش تەڭگىلەرنى مۇقەددەس بەيتنىڭ ئىچىگە ئېتىپ تاشلىدى، ئاندىن ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈۋالدى. 6 ئالىي كاھىنلار كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئېلىپ: «بۇلارنى مۇقەددەس بەيت خەزىنىسىگە قويۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى قان پۇلىدۇر» دېيىشتى. ■ 7 ئۇلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، مۇساپىرلارغا مازارلىق بولسۇن دەپ، بۇ پۇللار بىلەن كۇلالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋالدى. 8 شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئېتىز بۈگۈنكى كۈنگىچە «قانلىق ئېتىز» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. 9 شۇ ئىش بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئېيتىلغان مۇشۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئۇلار ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى، يەنى بەنى ئىسرائىل ئۇنىڭغا قويغان باھاسىنى ئېلىپ، 10 پەرۋەردىگار ماڭا بۇيرۇغاندەك كۇلالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى». ■
ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئەيسا مەسىھنى سوراق قىلىشى
11 ئەيسا ۋالىينىڭ ئالدىدا تۇرغاندا، ۋالىي ئۇنىڭدىن: «سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟» دەپ سورىدى. ئەيسا: «سەن ئۆزۈڭ ئېيتىسەن» دېدى. ■ 12 ئالىي كاھىنلار بىلەن ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغاندا، ئۇ ھېچ جاۋاب بەرمىدى. 13 بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنىڭغا: «ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن شۇنچە كۆپ شىكايەت قىلىشىنى ئاڭلىمامسەن؟» دېدى. 14 ئەمما ئۇ ئۇنىڭ ھېچبىر سۆزىگە جاۋاب بەرمىدى، بۇنىڭغا ۋالىي تولىمۇ ھەيران قالدى.
پىلاتۇس ئەيسا مەسىھنى ئازاد قىلماقچى
15 ۋالىينىڭ ھېيتتا خەلق ئۆزى تەلەپ قىلغان بىر مەھبۇسنى ئازاد قىلىش ئادىتى بار ئىدى. 16 ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇسى بار ئىدى. 17 خەلق يىغىلغاندا پىلاتۇس ئۇلاردىن: «سىلەرگە كىمنى ئازاد قىلىشىمنى خالايسىلەر: بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟» دەپ سورىدى. 18 چۈنكى پىلاتۇس ئۇلارنىڭ ھەسەتتىن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى. 19 ئۇ سوراق تەختىدە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا: «ئۇ ھەققانىي ئادەم بىلەن سېنىڭ ئىشىڭ بولمىسۇن، چۈنكى بۇ كېچە چۈشۈمدە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن كۆپ ئازاب چەكتىم» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. 20 لېكىن ئالىي كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار خالايىقنى پىلاتۇستىن بارابباسنى ئازاد قىلىشنى ۋە ئەيسانى ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا قۇتراتتى. 21 ۋالىي ئۇلاردىن يەنە: «بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى سىلەرگە ئازاد قىلىپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «بارابباسنى» دېيىشتى. 22 پىلاتۇس ئۇلارغا: «ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى نېمە قىلاي؟» دېدى. ھەممەيلەن: «ئۇ كرېستكە مىخلانسۇن» دېيىشتى. 23 پىلاتۇس: «نېمىشقا؟ ئۇ نېمە يامانلىق قىلغان؟» دەپ سورىدى. لېكىن ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ: «كرېستكە مىخلانسۇن» دەپ توۋلاشتى. 24 پىلاتۇس ھېچ نەرسە قىلالماي، قالايمىقان ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، سۇ ئېلىپ خەلقنىڭ ئالدىدا قوللىرىنى يۇيۇپ: «بۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەسمەن. ئۆز ئىشىڭلارنى بىلىڭلار» دېدى. 25 پۈتۈن خەلق جاۋابان: «ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە كەلسۇن» دېيىشتى. 26 بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇلارغا بارابباسنى ئازاد قىلىپ بەردى ۋە ئەيسانى قامچىلىتىپ، ئۇنى كرېستكە مىخلىنىش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.
پىلاتۇسنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ئەيسا مەسىھنى مەسخىرە قىلىشى
27 ۋالىينىڭ لەشكەرلىرى ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغدى. 28 ئۇلار ئۇنى يالىڭاچلاپ، ئۇنىڭغا توق قىزىل رەڭلىك بىر تون كىيدۈردى. 29 ئۇلار تىكەن شاخلىرىدىن بىر تاج توقۇپ ئۇنىڭ بېشىغا قىيدۈرۈپ قويدى ۋە بىر قومۇشنى ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ: «ياشىسۇن، ئەي يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ مەسخىرە قىلىشتى. 30 ئۇلار ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشۈپ، قومۇشنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇشتى. 31 ئۇنى مەسخىرە قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار توننى سالدۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ، ئۇنى كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن ئېلىپ كەتتى.
ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىشى
32 ئۇلار تاشقىرىغا چىققاندا كىرېنەلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى ئەيسانىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈشكە زورلىدى. 33 ئۇلار گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە كەلگەندە، 34 ئەيساغا ئىچىش ئۈچۈن ئۆت ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بەردى. ئۇ تېتىپ كۆرۈپ، ئىچكىلى ئۇنىمىدى. 35 لەشكەرلەر ئۇنى كرېستكە مىخلىغاندىن كېيىن، چەك تاشلاپ كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالدى. ■ 36 ئۇلار ئۇ يەردە ئۇنى كۆزەت قىلىپ ئولتۇردى. 37 ئەيسانىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنى، يەنى: «بۇ يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى ئەيسادۇر» دەپ يېزىلغان بىر تاختىنى ئېسىپ قويدى. 38 ئۇنىڭ يېنىدا يەنە ئىككى قاراقچى، بىرى ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى، يەنە بىرى ئۇنىڭ سول تەرىپىدىكى كرېستكە مىخلانغانىدى. 39 ئۇ يەردىن ئۆتۈۋاتقانلار ئۇنى ھاقارەتلەپ، باشلىرىنى چايقىشىپ: 40 «ئەي مۇقەددەس بەيتنى بۇزۇپ، ئۇنى ئۈچ كۈندە قايتا ياسىغۇچى، ئەگەر خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، قېنى ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ كرېستتىن چۈشۈپ باققىن» دېيىشتى. 41 ئالىي كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللارمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىپ: 42 «باشقىلارنى قۇتقۇزدى، ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولسا، ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇن، ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز. 43 ئۇ خۇداغا تاياندى. خۇدا ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسا، ئۇنى قۇتقۇزسۇن. چۈنكى ئۇ: ‹مەن خۇدانىڭ ئوغلىدۇرمەن› دېگەنىدى» دېيىشتى. 44 ئۇنىڭ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان قاراقچىلارمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق ھاقارەت قىلدى.
ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمى
45 چۈشتە سائەت ئون ئىككىدىن سائەت ئۈچكىچە پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. ■ 46 سائەت ئۈچلەردە ئەيسا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ۋارقىراپ: «ئەلى، ئەلى، لەما شەۋاقتانى» يەنى «ئەي خۇدايىم، ئەي خۇدايىم، نېمە ئۈچۈن مېنى تاشلىدىڭ؟» دېدى. ■ 47 ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ: «ئۇ ئەلىيانى چاقىرىدۇ» دېيىشتى. 48 دەرھال ئۇلاردىن بىرى يۈگۈرۈپ، بىر بۇلۇتنى ئېلىپ سىركىگە چىلاپ، بىر قومۇشنىڭ ئۇچىغا قويۇپ ئۇنىڭغا ئىچۈردى. 49 ئەمما باشقىلار: «قويغىن، كۆرۈپ باقايلى، ئەلىيا ئۇنى قۇتقۇزغىلى كېلەرمۇ؟» دېيىشتى. 50 ئەيسا يەنە ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى-دە، جان بەردى. ■
51 ۋە مانا، مۇقەددەس بەيتنىڭ پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يىرتىلىپ، ئىككى پارچىگە بۆلۈندى. يەر تەۋرەندى ۋە قورام تاشلار يېرىلدى. 52 قەبرىلەر ئېچىلدى ۋە كۆپ ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقان مۇقەددەسلەرنىڭ تەنلىرى تىرىلىپ، 53 قەبرىلەردىن چىقىپ، ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى. 54 ئۇ يەردىكى يۈزبېشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان لەشكەرلەر يەرنىڭ تەۋرىشىنى ۋە باشقا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۆرگەندە ئىنتايىن قاتتىق قورقۇپ: «ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى!» دېيىشتى. 55 ئۇ يەردە ئەيساغا گالىلىيەدىن ئەگىشىپ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغان كۆپ ئاياللار يىراقتىن قاراپ تۇردى. 56 ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماگدالالىق مەريەم، ياقۇب بىلەن يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسى بار ئىدى.
ئەيسا مەسىھنىڭ قەبرىگە قويۇلۇشى
57 ئاخشام بولغاندا ئارىماتىيالىق يۈسۈپ ئىسىملىك بىر دۆلەتمەن كىشى كەلدى. ئۇمۇ ئەيسانىڭ شاگىرتى ئىدى. 58 ئۇ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشكە رۇخسەت سورىدى. شۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس: «ئۇنىڭغا بېرىلسۇن» دەپ بۇيرۇدى. 59 يۈسۈپ جەسەتنى ئېلىپ، پاكىز كەندىر رەخت بىلەن كېپەنلەپ، 60 ئۇنى قورام تاشتىن ئويۇلغان ئۆز يېڭى قەبرىسىگە قويۇپ، چوڭ بىر تاشنى قەبرىنىڭ ئاغزىغا دومىلىتىپ قويۇپ كەتتى. 61 شۇ چاغدا ماگدالالىق مەريەم ۋە يەنە بىر مەريەم ئۇ يەردە قەبرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇشتى.
كەبرىنىڭ ساقلىنىشى
62 تەييارلىق كۈنىنىڭ ئەتىسى ئالىي كاھىنلار ۋە پەرىسىيلەر بىرلىكتە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ: 63 «ئەي خوجا، شۇ ئازدۇرغۇچىنىڭ تىرىك ۋاقتىدا: ‹مەن ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلىمەن› دېگىنىنى ئېسىمىزگە كەلتۈردۇق. 64 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ كۈنگىچە قەبرىنى قوغداشنى بۇيرۇغىن. بولمىسا شاگىرتلىرى كېچىدە كېلىپ، جەسەتنى ئوغرىلاپ كېتىپ، خەلققە: ‹ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدى› دېيىشى مۇمكىن. ئۇ ئاخىرقى ئازدۇرۇش ئالدىنقىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ» دېيىشتى. 65 پىلاتۇس ئۇلارغا: «مانا، سىلەرگە قاراۋۇللار! بېرىپ، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قەبرىنى قوغداڭلار» دېدى. 66 ئۇلار قاراۋۇللار بىلەن بىللە قەبرىنى قوغداشقا بېرىپ، تاشنى پېچەتلەپ قويدى.