ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلىشى
28
1 شابات كۈنى ئۆتۈپ، ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا ماگدالالىق مەريەم ۋە يەنە بىر مەريەم قەبرىنى كۆرگىلى كەلدى. 2 ۋە مانا، تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەردى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئاسماندىن چۈشۈپ كېلىپ، تاشنى بىر تەرەپكە دومىلىتىپ، ئۈستىگە ئولتۇردى. 3 ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى چاقماقتەك ۋە لىباسى قاردەك ئاپئاق ئىدى. 4 قاراۋۇللار ئۇنىڭدىن قورقۇپ تىترەپ، ئۆلۈكتەك قېتىپ قالدى. 5 پەرىشتە ئاياللارغا مۇنداق دېدى: «قورقماڭلار، بىلىمەنكى، كرېستكە مىخلانغان ئەيسانى ئىزدەۋاتىسىلەر. 6 ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدى. قاراڭلار ئۇ ياتقان يەرگە. 7 دەرھال بېرىپ، شاگىرتلىرىغا ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىكىنى ئېيتىڭلار. مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدۇ. ئۇ يەردە ئۇنى كۆرىسىلەر. مانا، مەن سىلەرگە خەۋەر بەردىم». 8 ئاياللار دەرھال ھەم قورقۇنچ ھەم زور خۇشاللىق ئىچىدە قەبرىدىن چىقىپ، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا خەۋەر بېرىشكە يۈگۈرۈشتى. 9 ۋە مانا، ئەيسا ئۇلارغا ئۇچراپ: «سالام سىلەرگە!» دېدى. ئاياللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پۇتلىرىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. 10 شۇ چاغدا ئەيسا ئۇلارغا: «قورقماڭلار! بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا گالىلىيەگە بېرىشىنى ئېيتىڭلار، ئۇلار مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ» دېدى.
پاسىبانلارنىڭ خەۋىرى
11 ئۇلار يولدا مېڭىۋاتقاندا، مانا، قاراۋۇللاردىن بىرنەچچىسى شەھەرگە كىرىپ، بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالىي كاھىنلارغا ئېيتىپ بەردى. 12 ئالىي كاھىنلار ئاقساقاللار بىلەن يىغىلىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، لەشكەرلەرگە كۆپ پۇل بېرىپ: 13 «‹كېچىسى بىز ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلاپ كېتىشتى› دەڭلار. 14 ئەگەر بۇ ئىش ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئۇنى رازى قىلىپ، سىلەرنى ئاۋارىچىلىكتىن ساقلايمىز» دېدى. 15 ئۇلار پۇلنى ئېلىپ، ئۇلارغا ئېيتىلغاندەك قىلدى. شۇ گەپ بۈگۈنكى كۈنگىچە يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە.
ئەيسا مەسىھنىڭ شاگىرتلىرىغا كۆرۈنۈشى
16 ئون بىر شاگىرت گالىلىيەگە بېرىپ، ئەيسا ئۇلارغا ئېيتقان تاغقا چىقىشتى. 17 ئۇلار ئەيسانى كۆرگەندە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى، لېكىن بەزىلىرى تېخى تولۇق ئىشەنمىدى. 18 ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. 19 شۇنىڭ ئۈچۈن بېرىپ، ھەممە خەلقلەرنى شاگىرت قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى ئاتا ۋە ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈڭلار. 20 مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۇلارغا ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا، مەن دۇنيانىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.