12
1 ئەفرائىمنىڭ ئادەملىرى يىغىلىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ زافونغا كەلدى. ئۇلار يىپتاھقا سوئال قويۇپ: «سەن ئاممونىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى بارغىنىڭدا نېمىشقا بىزنى بىللە بېرىشقا چاقىرمىدىڭ؟ ئەمدى بىز ئۆيۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىمىز» دېدى. 2 يىپتاھ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ۋە خەلقىم ئاممونىيلارغا قارشى قاتتىق جەڭ قىلىۋاتقاندا سىلەرنى چاقىردىم، لېكىن سىلەر مېنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزمىدىڭلار. 3 مېنى قۇتقۇزمىغىنىڭلارنى كۆرگىنىمدە، ئۆز جېنىمنى ئالىقىنىمغا ئېلىپ، ئاممونىيلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندىم، پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئەمدى سىلەر نېمىشقا بۈگۈن مەن بىلەن ئۇرۇشقىلى كەلدىڭلار؟» دېدى. 4 ئاندىن يىپتاھ ھەممە گىلېئادلىقلارنى يىغىپ، ئەفرائىمغا قارشى جەڭ قىلدى ۋە گىلېئادلىقلار ئەفرائىملىقلارنى مەغلۇپ قىلدى، چۈنكى ئەفرائىملىقلار: «ئەي گىلېئادلىقلار، سىلەر ئەفرائىمنىڭ قاچقۇنلىرىسىلەر خالاس» دېگەنىدى. گىلېئاد بولسا ئەفرائىم بىلەن ماناسسەنىڭ ئوتتۇرىسىدا جايلاشقان. ■ 5 گىلېئادلىقلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇۋېلىپ ئەفرائىملىقلارنى ئۆتكۈزمىدى. ئەفرائىملىقلارنىڭ بىر قاچقۇنى كېلىپ: «ماڭا ئۆتۈشكە ئىجازەت بەرگىن» دېسە، گىلېئادلىقلار ئۇنىڭدىن: «سەن ئەفرائىملىقمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئۇ كىشى ياق دېسە، 6 ئۇلار ئۇنىڭغا: «‹شىبولەت› دەپ باقە» دېيتتى. ئەگەر ئۇ كىشى: «سىبولەت» دەپ قېلىپ، سۆزنى توغرى تەلەپپۇز قىلالمىسا، ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈۋەتەتتى. بۇ تەرىقىدە ئەفرائىم قەبىلىسىدىن قىرىق ئىككى مىڭدەك ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. 7 يىپتاھ ئالتە يىل ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىملىق قىلدى. ئاندىن گىلېئادلىق يىپتاھ ۋاپات بولۇپ، گىلېئاد شەھەرلىرىنىڭ بىرىدە دەپنە قىلىندى. ئىبزان
8 ئۇنىڭدىن كېيىن بەيتلەھەملىك ئىبزان ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىم بولدى. 9 ئۇنىڭ ئوتتۇز ئوغلى، ئوتتۇز قىزى بولۇپ، قىزلىرىنى سىرتقا ياتلىق قىلىپ، ئوغۇللىرىغىمۇ يەنە سىرتتىن ئوتتۇز قىز ئېلىپ بەردى. ئۇ يەتتە يىل ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىملىق قىلدى. 10 ئاندىن ئىبزان ۋاپات بولۇپ، بەيتلەھەمدە دەپنە قىلىندى.
ئېلون
11 ئۇنىڭدىن كېيىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىم بولدى، ئۇ ئون يىل ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىملىق قىلدى. 12 ئاندىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ۋاپات بولۇپ، زەبۇلۇن زېمىنىدىكى ئايالون دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى.
ئابدون
13 ئۇنىڭدىن كېيىن پىراتونلۇق ھىللەلنىڭ ئوغلى ئابدون ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىم بولدى. 14 ئۇنىڭ قىرىق ئوغلى ۋە ئوتتۇز نەۋرىسى بار ئىدى. بۇلار يەتمىش ئېشەككە مىنىپ ماڭاتتى. ئۇ سەككىز يىل ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىملىق قىلدى. 15 ئاندىن پىراتونلۇق ھىللەلنىڭ ئوغلى ئابدون ۋاپات بولۇپ، ئەفرائىم زېمىنىدا ئامالەك تاغلىقلىرىدىكى پىراتون دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى.