شىمسوننىڭ تۇغۇلۇشى
13
1 لېكىن بەنى ئىسرائىل يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى قىرىق يىلغىچە فىلىستىنلەرنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. 2 زورا دېگەن جايدا دان جەمەتىدىن بولغان مانواھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس بولغاچقا، ھېچ بالىسى يوق ئىدى. 3 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ ئايالغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: «مانا، سەن تۇغماس بولۇپ، بالا تۇغمىدىڭ. لېكىن ئەمدى سەن ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. 4 ئەمما سەن ئاگاھ بولۇپ، ھاراق-شاراب ئىچمىگىن، ھېچقانداق ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن. 5 چۈنكى مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ئۇنىڭ بېشىغا ئۇستىرا سېلىنمىسۇن. چۈنكى بۇ بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپ خۇداغا ئاتالغان نازارىي بولىدۇ. ئۇ ئىسرائىلنى فىلىستىنلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشقا باشلايدۇ» دېدى. ■ 6 ئاندىن كېيىن ئايال ئېرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «يېنىمغا خۇدانىڭ بىر ئادىمى كەلدى، ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭدىن نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىمىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئۆز ئىسمىنى ئېيتىپ بەرمىدى، 7 بەلكى ئۇ ماڭا: ‹مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ئۇ بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپ ئۆلىدىغان كۈنىگىچە خۇداغا ئاتالغان نازارىي بولغاچقا، ئەمدى سەن ھاراق-شاراب ئىچمىگىن، ھېچقانداق ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن› دېدى». 8 بۇنى ئاڭلىغان مانواھ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەي ئىگەم، سەن بۇ يەرگە ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئادىمى بىزگە يەنە كېلىپ، تۇغۇلىدىغان بالىغا نېمە قىلىشىمىزنى بىزگە ئۆگىتىپ قويۇشىنى تىلەيمەن».
9 خۇدا مانواھنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئايال ئېتىزلىقتا ئولتۇرغىنىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى يەنە ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ ئېرى مانواھ ئۇنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى. 10 ئايال ئالدىراپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېرىگە خەۋەر قىلىپ: «مانا، ھېلىقى كۈنى يېنىمغا كەلگەن ئادەم يەنە ماڭا كۆرۈندى» دېدى. 11 مانواھ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: «بۇ ئايالغا كېلىپ سۆز قىلغان ئادەم سەنمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: «شۇنداق، مەندۇرمەن» دېدى. 12 مانواھ ئۇنىڭدىن: «ئېيتقان سۆزۈڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، بالا قانداق ياشىشى كېرەك؟ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى نېمە بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. 13 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانواھقا: «بۇ ئايالغا دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىدىن ئۇ ئۆزىنى ساقلاپ، 14 ئۈزۈم تېلىدىن چىققان ھەرقانداق نەرسىنى يېمىسۇن، ھاراق-شاراب ئىچمىسۇن، ھەرقانداق ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىسۇن، بۇيرۇقلىرىمنىڭ ھەممىسگە ئەمەل قىلسۇن» دېدى.
15 بۇ چاغدا مانواھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: «ئۆتۈنۈپ قالاي، سېنى تۇتۇپ قېلىشىمىزغا ئىجازەت بەر، سەن ئۈچۈن بىر ئوغلاق تەييارلايلى» دېدى. 16 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانواھقا: «سەن مېنى تۇتۇپ قالساڭمۇ، مەن نېنىڭدىن يېمەيمەن. ئەمما ئەگەر بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇشۇڭ كېرەك» دېدى. مانواھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى تېخى بىلمىگەنىدى. 17 مانواھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: «ئىسمىڭ نېمە؟ بۇنى بىلسەك، سۆزۈڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا ساڭا ھۆرمەت كۆرسىتەلەيمىز» دېدى. 18 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «نېمىشقا ئىسمىمنى سورايسەن؟ ئۇ ئىنساننىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىدۇ» دېدى. 19 شۇنىڭ بىلەن مانواھ بىر ئوغلاق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى بىللە ئېلىپ بېرىپ، بىر قورام تاش ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇندى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى كېلىپ، مانواھ بىلەن ئايالىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر ئاجايىپ ئىشنى قىلىپ كۆرسەتتى. 20 شۇنداق بولدىكى، ئوت يالقۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىن ئاسمانغا ئۆرلىگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قۇربانلىق سۇپىسىدىن چىققان ئوت يالقۇنى ئىچىدە يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. مانواھ بىلەن ئايالى بۇنى كۆرگەندە ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ يۈزلىرىنى يەرگە يېقىشتى.
21 شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى، نە مانواھقا، نە ئايالىغا قايتا كۆرۈنمىدى. شۇندىلا مانواھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى. 22 مانواھ ئۆز ئايالىغا: «بىز چوقۇم ئۆلىمىز، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق» دېدى. 23 لېكىن ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا: «ئەگەر پەرۋەردىگار بىزنى ئۆلتۈرۈشنى خالىسا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەمىزنى قولىمىزدىن قوبۇل قىلمىغان، بۇ ئىشنىمۇ بىزگە كۆرسەتمىگەن ۋە بۇ سۆزلەرنىمۇ بىزگە ئاڭلاتمىغان بولاتتى» دېدى.
24 ئاندىن كېيىن بۇ ئايال بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى شىمشون دەپ قويدى. بۇ بالا ئۆسۈپ چوڭ بولدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلدى. 25 ئۇ زورا بىلەن ئەشتائولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دان بارگاھىدا تۇرغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە باشلىدى.