شىمشون فىلىستىنلەردىن بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئالماقچى
14
‏1 بىر كۈنى شىمشون تىمناھقا بېرىپ، ئۇ يەردە فىلىستىنلەرنىڭ قىزلىرىدىن بىر قىزنى كۆرۈپ قالدى. ‏2 ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئاتا-ئانىسىغا: «مەن تىمناھتا فىلىستىنلەرنىڭ قىزلىرىدىن بىر قىزنى كۆردۈم. ئۇنى ماڭا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىڭلار» دېدى. ‏3 ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا جاۋابەن: «قېرىنداشلىرىڭنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىچىدە ياكى مېنىڭ پۈتۈن خەلقىمنىڭ ئىچىدە قىز چىقمىدىمۇ؟ نېمىشقا سەن بېرىپ خەتنىسىز فىلىستىنلەردىن خوتۇن ئالغىلى قوپتۇڭ؟» دېدى. ئەمما شىمشون ئاتىسىغا: «ئۇنى ماڭا ئېلىپ بەرگىن، چۈنكى ئۇ ماڭا بەك ياقتى» دېدى. ‏4 لېكىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بولغىنىنى بىلمىدى. ئەسلىدە ئۇ فىلىستىنلەرگە قارشى پۇرسەت ياراتماقچى ئىدى، چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا فىلىستىنلەر ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.
‏5 ئاندىن كېيىن شىمشون ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تىمناھقا چۈشۈپ، تىمناھنىڭ يېنىدىكى ئۈزۈمزارلىقلارغا يېتىپ كەلگىنىدە، مانا، بىر ياش شىر ھۆركىرەپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. ‏6 پەرۋەردىگارنىڭ روھى شىمشوننىڭ ئۈستىگە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇۋۋەت تېپىپ، قولىدا ھېچنېمە يوق تۇرۇقلۇق ئۇنى خۇددى بىر ئوغلاقنى پارچىلىغاندەك پارە-پارە قىلىۋەتتى. لېكىن نېمە قىلغىنىنى ئاتا-ئانىسىغا ئېيتمىدى.
‏7 ئاندىن ئۇ بېرىپ ئۇ قىز بىلەن گەپلەشتى، ئۇ قىز شىمشونغا ياراپ كەتتى. ‏8 بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ قىزنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قايتا كەلگەندە، شىرنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرگىلى يولدىن بۇرۇلۇپ قارىسا، مانا، شىرنىڭ تېنى ئىچىدە ھەسەل ھەرىلىرى بىلەن ھەسەل تۇراتتى. ‏9 ئۇ ھەسەلدىن ئالىقىنىغا ئېلىپ يېگەچ مېڭىپ، بېرىپ ئاتا-ئانىسىغىمۇ بەردى، ئۇلارمۇ يېدى. لېكىن ئۆزىنىڭ ھەسەلنى شىرنىڭ ئىچىدىن ئېلىپ كەلگىنىنى ئۇلارغا ئېيتمىدى.
‏10 ئۇنىڭ ئاتىسى قىزنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە بولسا، شىمشون ئۇ يەردە بىر زىياپەت بەردى، چۈنكى يىگىتلەرنىڭ شۇنداق رەسىم-قائىدىسى بار ئىدى. ‏11 ئۇلار شىمشوننى كۆرگەندە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولسۇن دەپ ئوتتۇز يىگىتنى تېپىپ كەلدى. ‏12 شىمشون ئۇلارغا: «مەن سىلەردىن بىر تېپىشماق سوراي. ئەگەر سىلەر يەتتە كۈنلۈك زىياپەت داۋامىدا ئۇنىڭ جاۋابىنى ماڭا دەپ بېرەلىسەڭلار، مەن سىلەرگە ئوتتۇز دانە كەندىردىن توقۇلغان ئىچ كۆينەك ۋە ئوتتۇز يۈرۈش كىيىم بېرىمەن. ‏13 لېكىن دەپ بېرەلمىسەڭلار، ئوتتۇز دانە كەندىردىن توقۇلغان ئىچ كۆينەك ۋە ئوتتۇز يۈرۈش كىيىمنى سىلەر ماڭا بېرىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا: «ماقۇل، ئۇنداق بولسا، تېپىشمىقىڭنى بايان قىلغىن. قېنى ئاڭلايلى» دېدى. ‏14 ئۇ ئۇلارغا: «يېگۈچىدىن يېمەكلىك، كۈچلۈكتىن تاتلىق چىقتى، ئۇ نېمە؟» دېدى. ئۇلار ئۈچ كۈنگىچە تىرىشىپ بۇ تېپىشماقنى يېشەلمىدى. ‏15 يەتتىنچى كۈنى ئۇلار بېرىپ، شىمشوننىڭ ئايالىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «سەن ئېرىڭنى ئالداپ سىلاپ، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى بىزگە ئېيتىپ بەرگىلى ئۇناتقىن. بولمىسا بىز سېنى ئاتاڭنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز. سىلەر بىزنى پۈتۈن مال-مۈلكىمىزنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن چاقىردىڭلارمۇ؟» دېدى.
‏16 شۇنىڭ بىلەن شىمشوننىڭ ئايالى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: «سەن ماڭا ئۆچ بولىدىكەنسەن، مېنى راستتىنلا ياخشى كۆرمەيدىكەنسەن. سەن مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئادەملىرىدىن بىر تېپىشماقنى سورىدىڭ، ئەمما ماڭا جاۋابىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭ» دەپ يىغلاپ تۇردى. ئۇ ئۇنىڭغا: «مانا، مەن ئۇنى ئاتا-ئانامغىمۇ دەپ بەرمىگەن تۇرسام، ساڭا دەپ بېرەمدىم؟» دېدى. ‏17 ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدا يەتتە كۈنلۈك توي زىياپىتى ئاخىرلاشقۇچە يىغلاپ تۇردى، لېكىن يەتتىنچى كۈنى بولغاندا ئايالى ئۇنى قىستىغاچقا، ئۇنىڭغا ئۇنىڭ جاۋابىنى ئېيتىپ بەردى، ئاندىن ئايال بېرىپ ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىرىگە بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى دەپ بەردى. ‏18 شەھەرنىڭ ئادەملىرى يەتتىنچى كۈنى كۈن پاتماستا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «نېمە ھەسەلدىن تاتلىقتۇر؟ نېمە شىردىن كۈچلۈكتۇر» دېدى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا: «ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئىنىكىم بىلەن يەر ئاغدۇرمىغان بولساڭلار، تېپىشمىقىمنى ھەرگىز تاپالمايتتىڭلار!» دېدى.
‏19 بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگەچكە، ئۇ قۇۋۋەت تېپىپ ئاشقېلونغا چۈشۈپ بېرىپ، ئۇلاردىن ئوتتۇز كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، كىيىملىرىنى تارتىۋېلىپ، ئېلىپ كېلىپ تېپىشماقنى تاپقانلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ قاتتىق غەزەپ ئىچىدە ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. ‏20 ئەمما شىمشوننىڭ ئايالى بولسا شىمشونغا قولداش بولغان يىگىتكە بېرىلدى.