شىمشون فىلىستىنلەردىن ئۆچ ئالىدۇ
15
‏1 ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ، بۇغداي ئورىدىغان ۋاقىت كەلگەندە شىمشون بىر ئوغلاقنى ئېلىپ، ئۆز ئايالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ: «مەن ئايالىمنىڭ قېشىغا ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىشنى خالايمەن» دېدى. لېكىن ئايالنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ ئىچكىرى كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. ‏2 ئايالنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭغا: «مەن سېنى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئۆچ بولۇپ قالدى دەپ ئويلاپ، ئۇنى سېنىڭ قولدىشىڭغا بېرىۋەتكەنىدىم. ئەمما ئۇنىڭ كىچىك سىڭلىسى ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئورنىغا سىڭلىسىنى ئالساڭ بولمامدۇ؟» دېدى. ‏3 ئەمما شىمشون ئۇلارغا: «ئەمدى بۇ قېتىم فىلىستىنلەرگە يامانلىق قىلسام، ماڭا گۇناھ بولمايدۇ» دېدى.
‏4 ئاندىن شىمشون بېرىپ ئۈچ يۈز تۈلكىنى تۇتۇپ كېلىپ، مەشئەللەر تەييارلاپ، تۈلكىلەرنى ئىككىدىن قۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، ھەر ئىككى قۇيرۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىردىن مەشئەل قىسىپ قويدى. ‏5 ئۇ مەشئەللەرگە ئوت يېقىپ، تۈلكىلەرنى فىلىستىنلەرنىڭ ئېتىزلىقلىرىغا قويۇپ بەردى. شۇ تەرىقىدە ئۇ دۆۋە-دۆۋە ئورۇلغان بۇغداي باغلاملىرىنى ۋە ئورۇلمىغان زىرائەتلەرنى ھەم شۇنداقلا زەيتۇن باغلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى.
‏6 فىلىستىنلەر: «بۇنى كىم قىلدى؟» دەپ سورىسا، خەلق: «تىمناھلىق كىشىنىڭ كۈيئوغلى شىمشون قىلدى، چۈنكى قېيناتىسى ئۇنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭ قولدىشىغا بەردى» دېدى. بۇنىڭ بىلەن فىلىستىنلەر چىقىپ، ئۇ ئايال ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. ‏7 شىمشون ئۇلارغا: «سىلەر شۇنداق قىلغاچقا، سىلەردىن ئىنتىقام ئالمىغىچە ئارام تاپمايمەن» دەپ، ‏8 ئۇلارنى قىر-چاپ قىلىپ قاتتىق مەغلۇپ قىلدى، ئاندىن بېرىپ ئېتام قىيا تېشىنىڭ ئۆڭكۈرىدە تۇرۇپ قالدى.
‏9 بۇ ۋاقىتتا فىلىستىنلەر چىقىپ، يەھۇدا زېمىنىدا بارگاھ قۇرۇپ، لېخى دېگەن يەرگە يېيىلدى.    ‏10 يەھۇدانىڭ ئادەملىرى: «نېمىشقا بىزگە قارشى چىقتىڭلار؟» دەپ سورىسا، ئۇلار: «بىز شىمشوننى باغلاپ، ئۇ بىزگە قانداق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىشقا چىقتۇق» دېدى.
‏11 شۇنىڭ بىلەن ئۈچ مىڭ كىشى يەھۇدا زېمىنىدىن ئېتام قىيا تېشىنىڭ ئۆڭكۈرىگە چۈشۈپ بېرىپ، شىمشونغا: «سەن فىلىستىنلەرنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا بىزگە بۇنداق قىلدىڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: «ئۇلار ماڭا قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا قىلدىم» دېدى. ‏12 ئۇلار ئۇنىڭغا: «بىز سېنى باغلاپ، فىلىستىنلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق» دېدى. شىمشون ئۇلارغا: «بىز سېنى ئۆلتۈرمەيمىز دەپ، ماڭا قەسەم قىلىڭلار» دېدى. ‏13 ئۇلار ئۇنىڭغا: «ياق، بىز سېنى ئۆلتۈرمەيمىز، بەلكى پەقەت سېنى باغلاپ، ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز» دەپ جاۋاب بېرىپ، ئۇنى ئىككى يېڭى ئارغامچا بىلەن باغلاپ قىيا تاشنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى. ‏14 ئۇ لېخىغا كەلگەندە فىلىستىنلەر ۋارقىرىشىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگەچكە، بىلەكلىرىنى باغلىغان ئارغامچىلار ئوت تۇتاشقان كەندىر يىپىدەك ئۈزۈلۈپ، قوللىرىدىكى تۈگۈچلەر يېشىلىپ كەتتى. ‏15 ئاندىن ئۇ بىر ئېشەكنىڭ يېڭى ئېڭەك سۆڭىكىنى تېپىۋېلىپ، قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. ‏16 شىمشون: «بىر ئېشەك ئېڭىكى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، دۆۋە-دۆۋە قىلىۋەتتىم، بىر ئېشەك ئېڭىكى بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردۈم» دېدى. ‏17 ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ، ئېشەكنىڭ ئېڭىكىنى تاشلىۋەتتى. شۇڭا ئۇ جايغا رامات-لېخى دەپ نام بېرىلدى.   
‏18 لېكىن ئۇ بەك ئۇسساپ كېتىپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: «سەن ئۆز خىزمەتكارىڭنىڭ قولى بىلەن بۇ چوڭ نۇسرەتنى بەردىڭ، ئەمدى بولغاندا مەن ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ خەتنىسىزلەرنىڭ قولىغا چۈشەرمەنمۇ؟» دېدى. ‏19 بۇ چاغدا خۇدا لېخىدىكى ئويمان يەرنى ياردى، سۇ ئۇنىڭدىن ئېتىلىپ چىقتى. ئۇ سۇدىن ئىچىپ روھى قايتىدىن جانلاندى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ لېخىدىكى بۇلاققا ئەن-ھاككورە دەپ ئات قويدى. بۈگۈنكى كۈنگىچە لېخىدا ئۇ بۇلاق بار.    ‏20 شىمشون فىلىستىنلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە يىگىرمە يىلغىچە ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىملىق قىلدى.