شىمشون گازادا
16
‏1 شىمشون گازاغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر پاھىشە ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭكىگە كىردى. ‏2 لېكىن گازالىقلارغا: «شىمشون بۇ يەرگە كەلدى» دېگەن خەۋەر يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ جاينى قورشىۋېلىپ، كېچىچە شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدا بۆكتۈرمىدە يېتىپ: «ئەتە تاڭ يورۇغاندا ئۇنى ئۆلتۈرەيلى» دېيىشىپ پۈتۈن كېچە قىمىلدىماي تۇرۇشتى. ‏3 شىمشون يېرىم كېچىگىچە ياتتى، يېرىم كېچە بولغاندا قوپۇپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى قانىتىنى ئىككى كېشىكى ۋە تاقاقلىرى بىلەن قوشۇپ قومۇرۇپ، مۈرىسىگە ئارتىپ، خېبروننىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
 
شىمشون ۋە دېلىلا
‏4 كۈنلەر ئۆتۈپ، ئۇ سورەك جىلغىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دېلىلا ئىسىملىك بىر ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالدى. ‏5 فىلىستىنلەرنىڭ بەگلىرى ئۇ ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنى ئالداپ ئۇنىڭ ئۈستۈن كۈچىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، قانداق قىلساق بىز ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۇنى باغلاپ بويسۇندۇرالايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ باق، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرىمىز ساڭا بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگە بېرىمىز» دېدى. ‏6 شۇنىڭ بىلەن دېلىلا شىمشوندىن: «ئۆتۈنۈپ قالاي، سېنىڭ ئۈستۈن كۈچۈڭنىڭ سىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ھەم سېنى نېمە بىلەن باغلاپ بويسۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ‏7 شىمشون ئۇنىڭغا: «ئەگەر ئادەملەر مېنى يەتتە تال قۇرۇمىغان ھۆل كىرىچ بىلەن باغلىسا، مەن ئاجىزلىشىپ، باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن» دېدى. ‏8 فىلىستىنلەرنىڭ بەگلىرى يەتتە تال قۇرۇمىغان ھۆل كىرىچنى ئېلىپ كېلىپ، دېلىلاغا بەردى، ئۇ بۇ كىرىچلەر بىلەن شىمشوننى باغلاپ قويدى، ‏9 بۇ چاغدا ئىچكىرىكى ئۆيدە بىرنەچچە كىشى مۆكۈپ پايلاپ تۇرغانىدى. دېلىلا ئۇنىڭغا: «ئەي شىمشون فىلىستىنلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى!» دېدى. لېكىن ئۇ بۇ كىرىچلەرنى كەندىر يىپى ئوتنى كۆرۈپ ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك ئۈزۈۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۈچىنىڭ سىرى ھېچ بىلىنمىدى.
‏10 دېلىلا شىمشونغا: «مانا قارا، سەن مېنى ئالداپ ماڭا يالغان ئېيتىپسەن. ئۆتۈنۈپ قالاي ماڭا ئەمدى سېنى نېمە بىلەن باغلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ‏11 شىمشون ئۇنىڭغا: «ئۇلار مېنى ئىشلەتمىگەن يېڭى ئارغامچا بىلەن باغلىسا، مەن ئاجىزلىشىپ، باشقا ئادەملەردەك بولىمەن» دېدى. ‏12 شۇنىڭ بىلەن دېلىلا يېڭى ئارغامچا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇنى باغلاپ قويۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ئەي شىمشون فىلىستىنلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى!» دېدى. بۇ چاغدا ئىچكىرىكى ئۆيدە بىرقانچە ئادەم مۆكۈپ پايلاپ تۇرغانىدى. لېكىن ئۇ بىلەكلىرىدىكى ئارغامچىلارنى بىر يىپنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى.
‏13 بۇنى كۆرگەن دېلىلا شىمشونغا: «سەن مېنى ھازىرغىچە ئالداپ، ماڭا يالغان ئېيتتىڭ. ئەمدى سېنى نېمە بىلەن باغلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. شىمشون ئۇنىڭغا: «سەن مېنىڭ بېشىمدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى دۇكاننىڭ ئۆرۈش يىپى بىلەن ئۆرۈپ قويساڭ» دېدى. ‏14 دېلىلا شۇنداق قىلىپ ئۇنى قوزۇققا باغلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا: «ئەي شىمشون فىلىستىنلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئۆرۈش يىپى بىلەن قوزۇقنى تارتىپ يۇلۇۋەتتى.
‏15 ئاندىن دېلىلا ئۇنىڭغا: «ماڭا كۆڭلۈڭ يوق تۇرۇپ قانداقسىگە: ‹مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم› دەيسەن؟ سەن بۇ ئۈچ قېتىم مېنى ئالداپ، ئۈستۈن كۈچۈڭنىڭ سىرىنى ماڭا ئېيتىپ بەرمىدىڭغۇ» دېدى. ‏16 ئۇ ھەر كۈنى شىمشوننى گەپ بىلەن قىستاپ يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىچىنى شۇنچىلىك ئۆلگۈدەك سىقتىكى، ‏17 ئۇ كۆڭلىنىڭ سىرىنى ئۇنىڭغا ئاشكارىلاپ: «مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپ خۇداغا ئاتالغان نازارىي بولغىنىم ئۈچۈن بېشىمغا ھېچ قاچان ئۇستىرا سېلىنمىغان. ئەگەر مېنىڭ چېچىم چۈشۈرۈلسە، كۈچۈم مەندىن ئايرىلىدۇ، ۋە مەن ئاجىزلىشىپ، باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن» دېدى. ‏18 دېلىلا ئۇنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكى ھەممە سىرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەرگىنىنى كۆرۈپ، فىلىستىنلەرنىڭ بەگلىرىنى چاقىرىپ: «بۇ قېتىم يەنە بىر كېلىڭلار، شىمشون كۆڭلىدىكى ھەممە سىرنى ماڭا ئاشكارىلىدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىنلەرنىڭ بەگلىرى قوللىرىغا كۈمۈشنى ئېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ‏19 ئاندىن دىلىلا ئۇنى ئۆز تىزلىرىدا ئۇخلىتىپ قويۇپ، بىر ئادەمنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە ئۆرۈم چېچىنى كەستۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا باشلىدى، چۈنكى ئۇنىڭ كۈچى ئۇنىڭدىن كەتكەنىدى. ‏20 ئۇ شىمشونغا: «ئەي شىمشون، فىلىستىنلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى!» دېدى. شىمشون ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ: «مەن ئىلگىرىكى قېتىملاردەكلا سىلكىنىپ بوشىنىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىدى. چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىدىن كەتكىنىنى بىلمىگەنىدى. ‏21 فىلىستىنلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كۆزلىرىنى ئويۇۋەتتى، ئاندىن ئۇنى گازاغا ئېلىپ چۈشۈپ، مىس زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ، زىندانغا تاشلاپ، ئۇن تارتقىلى سالدى. ‏22 لېكىن بېشىدىكى كېسىلگەن چېچى يەنە ئۆسۈشكە باشلىدى.
 
شىمشوننىڭ ئۆلۈمى
‏23 فىلىستىنلەرنىڭ بەگلىرى ئۆز ئىلاھى بولغان داگونغا چوڭ بىر قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن، يىغىلىپ، خۇش بولۇشۇپ: «ئىلاھىمىز دۈشمىنىمىز بولغان شىمشوننى قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەردى» دېيىشتى. ‏24 خەلق ئۇنى كۆرگەندە ئۆز ئىلاھىنى داڭلاپ: «ئىلاھىمىز بىزنىڭ زېمىنىمىزنى ۋەيران قىلىپ، نۇرغۇنلىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن دۈشمىنىمىزنى قولىمىزغا چۈشۈرۈپ بەردى» دېيىشتى.    ‏25 ئۇلار كۆڭۈل خۇشلۇقىغا چۆمۈپ: «شىمشوننى كەلتۈرۈڭلار، ئۇ بىزگە بىر ئويۇن كۆرسىتىپ بەرسۇن» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون زىنداندىن ئېلىپ كېلىندى. ئۇلار ئالدىمىزدا ئويۇن كۆرسىتىپ بەرسۇن دەپ، ئۇنى ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزۇپ قويدى. ‏26 شىمشون قولىنى تۇتۇپ تۇرغان يىگىتكە: «مېنى قويۇۋەتكىن، ئۆينى كۆتۈرۈپ تۇرغان تۈۋرۈكلەرنى تۇتۇپ، ئۇلارغا يۆلىنىۋالاي» دېدى. ‏27 ئۆي ئەر-ئاياللار بىلەن تولغان بولۇپ، فىلىستىنلەرنىڭ ھەممە بەگلىرى ئۇ يەردە ئىدى، ئۆگزىدىمۇ شىمشوننىڭ ئويۇنىنى كۆرۈۋاتقان تەخمىنەن ئۈچ مىڭچە ئەر-ئايال بار ئىدى. ‏28 شۇ چاغدا شىمشون پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: «ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، مېنى ياد ئەتكىن. ئەي خۇدا، پەقەت بۇ قېتىملا ماڭا يەنە كۈچ بەرگىن، شۇنىڭ بىلەن كۆزلىرىمنى ئويۇۋەتكەن فىلىستىنلەردىن بىر يولىلا ئىنتىقام ئالاي» دېدى. ‏29 ئاندىن شىمشون ئۆينى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئوتتۇرىدىكى ئىككى تۈۋرۈكنى تۇتۇۋالدى، ئۇنىڭ بىرىنى ئوڭ قولى بىلەن، يەنە بىرىنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ ئۇلارغا يۆلىنىپ تۇردى. ‏30 ئاندىن شىمشون: «مەن فىلىستىنلەر بىلەن بىللە ئۆلۈپ كېتەي» دەپ، پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ تۈۋرۈكلەرنى ئىتتىرىپ يىقىتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە تۇرغان بەگلەر ۋە ئۆي ئىچىدىكى ھەممە خەلقنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشتى. ئۇنىڭ ئۆلۈۋاتقان ۋاقتىدا ئۆلتۈرگەن ئادەملىرى تىرىك ۋاقتىدا ئۆلتۈرگەنلىرىدىن زىيادە بولدى. ‏31 ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ پۈتۈن جەمەتى كېلىپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ، زورا بىلەن ئەشتائولنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئاتىسى مانواھنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلدى. ئۇ يىگىرمە يىل ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىملىق قىلغانىدى.