مىكا ۋە بۇت
17
1 ئەفرائىمنىڭ تاغلىرىدا مىكا ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. 2 ئۇ ئانىسىغا: «سەندىن ئېلىۋېلىنغان ۋە سەن مېنىڭ ئالدىمدا ئۇنىڭ ئۈچۈن لەنەت ئوقۇغان بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگە بارغۇ، مانا ئۇ كۈمۈش مەندە. مەن ئۇنى ئېلىۋالغانىدىم» دېدى. ئۇنىڭ ئانىسى بولسا: «ئەي ئوغلۇم، پەرۋەردىگار ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلغاي» دېدى. 3 ئاندىن كېيىن ئۇ بۇ بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئۆز ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. ئانىسى ئۇنىڭغا: «مەن ئوغلۇم ئۈچۈن بۇ كۈمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىدىم، ئۇنىڭدىن بىر ئويما بۇت ۋە بىر قۇيما بۇت ياسالسۇن. شۇڭا مەن ھازىر ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمەن» دېدى. 4 مىكا پۇلنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئانىسى ئىككى يۈز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بىر زەرگەرگە بەردى. زەرگەر بۇنىڭدىن بىر ئويما بۇت بىلەن بىر قۇيما بۇت ياساپ بەردى. بۇ بۇتلار مىكانىڭ ئۆيىگە قويۇلدى. 5 مىكا دېگەن بۇ كىشىنىڭ بىر بۇتخانىسى بار ئىدى. ئۇ بىر ئېفودنى ۋە ئۆي بۇتلىرىنى ياساپ، ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىنى ئۆزىگە كاھىن بولۇشقا تەيىنلىدى. ■ 6 ئۇ ۋاقىتلاردا ئىسرائىلدا پادىشاھ بولمىغاچقا، ھەركىم ئۆز كۆزىدە توغرا دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرەتتى. 7 يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر يىگىت مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قالغانىدى. 8 بۇ كىشى قەيەردە جاي تاپسام، بېرىپ تۇراي دەپ، يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدىن چىقىپ، سەپەر قىلىپ كېتىپ بېرىپ، ئەفرائىم تاغلىرىنىڭ زېمىنىدىكى مىكانىڭ ئۆيىگە كېلىپ قالدى. 9 مىكا ئۇنىڭدىن: «قەيەردىن كەلدىڭ؟» دەپ سورىسا، ئۇ ئۇنىڭغا: «مەن يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدىن كەلگەن بىر لاۋىيمەن. تۇرىدىغان جاي ئىزدەپ يۈرىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. 10 مىكا ئۇنىڭغا: «ئۇنداق بولسا، مەن بىلەن تۇرۇپ، ماڭا ھەم ئاتا، ھەم كاھىن بولغىن. مەن ساڭا ھەر يىلى ئون كۈمۈش تەڭگە، بىر قوللۇق كىيىم، ھەم كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك بېرەي» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ لاۋىي يىگىت ئۇنىڭكىگە كىردى 11 ۋە ئۇ كىشى بىلەن تۇرۇشقا رازى بولدى. بۇ يىگىت ئۇنىڭغا ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىدەك بولۇپ قالدى. 12 مىكا بۇ لاۋىي يىگىتنى كاھىنلىققا تەيىنلىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت ئۇنىڭغا كاھىن بولۇپ، مىكانىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. 13 مىكا: «ھازىر مەن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ياخشىلىق قىلىدىغىنىنى بىلىمەن، چۈنكى مېنىڭ لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنىم بار» دېدى.