دان قەبىلىسى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر مىراس جاينى ئىزدەيدۇ
18
1 ئۇ ۋاقىتلاردا ئىسرائىلدا پادىشاھ يوق ئىدى. دان قەبىلىسى ئۆزلىرىگە ماكانلىشىش ئۈچۈن جاي ئىزدەۋاتقانىدى، چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىدا شۇ كۈنگىچە تېخى مىراس زېمىنىغا ئېرىشمىگەنىدى. 2 شۇنىڭ ئۈچۈن دان قەبىلىسى ئۆز جەمەتىدىن، زورا ۋە ئەشتائولدا ياشىغان بەش باتۇر كىشىنى زېمىننى كېزىپ تەكشۈرۈپ، چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ: «سىلەر بېرىپ، زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار» دەپ يولغا سالدى. ئۇلار مېڭىپ ئەفرائىم تاغلىرىغا يېتىپ بېرىپ، مىكانىڭ ئۆيىگە كېلىپ چۈشۈپ، ئۇ يەردە قوندى. 3 ئۇلار مىكانىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇرغاندا لاۋىي يىگىتنىڭ شېۋىسىنى تونۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: «كىم سېنى بۇ جايغا ئېلىپ كەلدى؟ بۇ ئۆيدە نېمە ئىش قىلىسەن؟ بۇ جايدا سېنىڭ نېمەڭ بار؟» دەپ سورىدى. ■ 4 ئۇ ئۇلارغا: «مىكا ماڭا مۇنداق-مۇنداق ياخشىلىق قىلىپ، مېنى ياللىدى ۋە مەن ئۇنىڭ كاھىنى بولۇپ قالدىم» دېدى. 5 بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئۇنداق بولسا، سەندىن ئۆتۈنسەك، بىزنىڭ سەپىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولامدۇ ياكى بولمامدۇ بىلىشىمىز ئۈچۈن خۇدادىن سوراپ باقساڭ» دېيىشتى. 6 كاھىن ئۇلارغا: «خاتىرجەم بېرىۋېرىڭلار. پېرۋېردىگار سەپىرىڭلارنى قوللايدۇ» دېدى. 7 ئاندىن بۇ بەش كىشى چىقىپ، لايىش دېگەن جايغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ تىنچ-ئامانلىقتا، سىدونلۇقلاردەك راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقىنىنى كۆردى. بۇ زېمىندا ئۇلارغا زۇلۇم سالىدىغان ھۆكۈمدار يوق ئىدى. ئۇلار سىدونلۇقلاردىنمۇ يىراق بولۇپ، باشقا كىشىلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. 8 ئاندىن كېيىن بۇ بېش كىشى زورا ۋە ئەشتائولدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. قېرىنداشلىرى ئۇلاردىن: «نېمە خەۋەر كەلتۈردۈڭلار؟» دەپ سورىدى. 9 ئۇلار: «يۈرۈڭلار، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلايلى! بىز ئۇلارنىڭ زېمىنىنى كۆردۇق، ئۇ يەر ئىنتايىن ياخشىكەن، سىلەر نېمىشقا شۈك ئولتۇرىسىلەر؟ كېچۈكتۈرمەي دەرھال بېرىپ، ئۇ زېمىننى ئىگىلەڭلار. 10 ئۇ يەرگە بارغىنىڭلاردا سىلەر تىنچ-ئامان ياشاۋاتقان بىر خەلقنى ۋە كەڭرى بىر زېمىننى تاپىسىلەر. خۇدا ئۇنى قولۇڭلارغا بەردى. ئۇ جايدا يەر يۈزىدىكى ھېچبىر نەرسە كەم ئەمەس» دېدى.
11 شۇنىڭ بىلەن دان قەبىلىسىدىن ئالتە يۈز كىشى جەڭگە قوراللىنىپ، زورا ۋە ئەشتائولدىن يولغا چىقتى. 12 ئۇلار يەھۇدا زېمىنىدىكى قىريات-يېئارىم دېگەن جايغا بېرىپ بارگاھ قۇردى. شۇڭا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇ جاي داننىڭ بارگاھى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئۇ قىريات-يېئارىمنىڭ ئارقا تەرىپىدىدۇر. 13 ئۇلار ئۇ يەردىن ئۆتۈپ، ئەفرائىم تاغلىقلىرىغا بېرىپ، مىكانىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. 14 لايىش زېمىنىنى چارلاش ئۈچۈن بارغان بەش كىشى ئۆز قېرىنداشلىرىغا: «بىلىڭلاركى، بۇ ئۆيلەردە بىر ئېفود، بىر نەچچە ئۆي بۇتلىرى، بىر ئويما بۇت ھەيكىلى ۋە بىر قۇيما بۇت ھەيكىلى باردۇر. ئەمدى نېمە قىلىشىڭلارنى ئويلاڭلار» دېدى.
15 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇرۇلۇپ، لاۋىي يىگىت بار مىكانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا سالام قىلدى. 16 دان قەبىلىسىدىن بولغان جەڭ قوراللىرى بىلەن قوراللانغان ئالتە يۈز كىشى دەرۋازا ئالدىدا تۇردى. 17 شۇ چاغدا زېمىننى چارلاش ئۈچۈن بارغان بەش كىشى ئۇ يەرگە كىرىپ، ئويما بۇت ھەيكىلى، ئېفود، ئۆي بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇت ھەيكىلىنى ئالدى. لېكىن كاھىن جەڭ قوراللىرى بىلەن قوراللانغان ئالتە يۈز كىشى بىلەن بىللە دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. 18 بۇ بەش كىشى مىكانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئويما بۇت ھەيكىلى، ئېفود، ئۆي بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇت ھەيكىلىنى ئېلىپ چىققىنىدا كاھىن ئۇلاردىن: «بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟» دەپ سورىسا، 19 ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئۈن چىقارما، ئاغزىڭغا قولۇڭنى قويۇپ، بىز بىلەن مېڭىپ، بىزگە ھەم ئاتا، ھەم كاھىن بولغىن. ساڭا بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە كاھىنلىق قىلىش ياخشىمۇ ياكى ئىسرائىلنىڭ بىر جەمەتى بولغان پۈتۈن بىر قەبىلىگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ؟» دېدى. 20 كاھىننىڭ كۆڭلى خۇش بولۇپ، ئېفود ۋە ئۆي بۇتلىرىنى ئېلىپ، ئويما بۇت ھەيكىلىنى قولتۇقلاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ماڭدى. 21 ئاندىن ئۇلار بۇرۇلۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. ئۇلار ئۇششاق بالىلار، چارۋا مال ۋە يۈك-تاقلىرىنى ئالدىدا ماڭدۇرۇۋەتتى.
22 ئۇلار مىكانىڭ ئۆيىدىن خېلى يىراقلاشقاندا مىكا بىلەن مىكانىڭ ئۆيى ئەتراپىدىكى ئۆيلەردە تۇرغان ئادەملەر يىغىلىپ، دان قەبىلىسىدىن بولغانلارنى قوغلاپ يېتىشتى. 23 ئۇلار دان ئادەملىرىگە ۋارقىرىغاندا، ئۇلار بۇرۇلۇپ، مىكادىن: «نېمە بولدى؟ نېمىشقا مۇنچە خەلقنى يىغىپ كەلدىڭ؟» دەپ سورىدى. 24 ئۇ جاۋاب بېرىپ: «سىلەر مەن ياسىغان بۇتلىرىمنى كاھىنىم بىلەن قوشۇپ ئېلىپ قېچىپ، ھېچ نەرسەمنىمۇ قويماي، يەنە تېخى: ‹نېمە بولدى؟› دەپ سورامسىلەر؟» دېدى. 25 لېكىن دان ئادەملىرى ئۇنىڭغا: «ئۈنۈڭنى چىقارما. بولمىسا ئاچچىقى يامان كىشىلەر سېنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆز جېنىڭدىن ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ جانلىرىدىن قۇرۇق قالىسەن» دېدى. 26 ئاندىن دان خەلقى ئۆز يولىغا ماڭدى. مىكا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
27 بۇ تەرىقىدە ئۇلار مىكانىڭ ياسىغان نەرسىلىرى ۋە ئۇنىڭ كاھىنىنىمۇ ئېلىپ، لايىشتىكى تىنچ-ئامان ياشاۋاتقان خەلقنىڭ قېشىغا يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. 28 بەيت-رەخوب ۋادىسىغا جايلاشقان بۇ شەھەر سىدوندىن يىراق بولۇپ، خەلقىنىڭ ھېچكىم بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا، ئۇنى قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. دان قەبىلىسى شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئۇ يەرگە يەرلەشتى. 29 ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ نامىنى ئىسرائىلنىڭ ئوغلى بولغان ئۆز ئاتىسى داننىڭ ئىسمى بىلەن دان دەپ ئاتىدى. لېكىن ئىلگىرى ئۇ شەھەرنىڭ نامى لايىش ئىدى.
30 دان خەلقى بۇ ئويما بۇت ھەيكىلىنى شۇ يەردە تىكلىۋالدى. بۇ زېمىننىڭ خەلقى سۈرگۈن قىلىنغان كۈنگىچە مۇسانىڭ ئوغلى گەرشومنىڭ ئوغلى يوناتان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى دان قەبىلىسىگە كاھىن بولۇپ تۇرغانىدى. 31 مىكا ياسىغان ئويما بۇت ھەيكەلنى ئۇلار ئۆزلىرىگە تىكلىدى. بۇ بۇت خۇدانىڭ بەيتى شىلوھتا تۇرغان ھەممە ۋاقىتتا داندا تۇردى.