22
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ «سەھەر مارالى» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئەي خۇدايىم، ئەي خۇدايىم، نېمە ئۈچۈن مېنى تاشلىدىڭ؟
نېمە ئۈچۈن ماڭا ياردەم بېرىشتىن ئۇزاق تۇرۇپ،
نالە-پەريادىمدىن يىراق تۇرىسەن؟
‏3 ئەي خۇدايىم، كۈندۈزى نالە قىلىمەن،
ئەمما جاۋاب بەرمەيسەن.
كېچىسىمۇ پەرياد قىلىمەن،
ئارام يوق ماڭا.
 
‏4 لېكىن سەن مۇقەددەستۇرسەن،
ئىسرائىلنىڭ مەدھىيەلىرىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇچىسەن.
‏5 ئاتا-بوۋىلىرىمىز ساڭا تاياندى.
ئۇلار ساڭا تايانغاچقا، سەن ئۇلارنى قۇتقۇزدۇڭ.
‏6 ئۇلار ساڭا پەرياد قىلىپ قۇتۇلدى،
ساڭا تايىنىپ ئۇياتتا قالمىدى.
 
‏7 ئەمما مەن بىر قۇرت، ئادەم ئەمەس،
ئادەملەر تەرىپىدىن ھاقارەتكە ئۇچرايمەن،
خەلق ئىچىدە خورلۇق تارتىمەن.
‏8 مېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مەسخىرە قىلىدۇ.
ئۇلار ئېغىزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، باشلىرىنى چايقىشىپ:
‏9 «ئۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟
ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇنى قۇتقۇزسۇن.
ئەگەر ئۇ ئۇنىڭدىن سۆيۈنسە، ئۇنى قۇتۇلدۇرسۇن!» دېيىشىدۇ.
 
‏10 ئەمما سەن مېنى قورساقتىن چىقاردىڭ،
ئانامنىڭ قۇچىقىدىكى چېغىمدىلا تايىنىشنى ماڭا ئۆگەتتىڭ.
‏11 مەن قورساقتىكى ۋاقتىدىن تارتىپ ساڭا تاپشۇرۇلغانمەن،
ئانامنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپ سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن.
 
‏12 ئەمدى بالا-قازا يېقىن كەلگەچكە، مەندىن يىراق بولمىغىن،
چۈنكى ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم يوق.
‏13 نۇرغۇن بۇقىلار مېنى قورشىۋالدى،
باشاننىڭ كۈچلۈك بۇقىلىرى مېنى قورشاۋغا ئالدى.
‏14 چىشلەپ تىتىشقا تەييار بولۇپ ھۇۋلاپ تۇرغان شىردەك،
ماڭا ئېغىزلىرىنى يوغان ئاچتى.
‏15 مەن سۇدەك تۆكۈلۈپ كەتتىم،
ھەممە سۆڭەكلىرىم بېغىشلىرىدىن ئاجراپ كەتتى.
يۈرىكىم مومدەك بولۇپ، ئىچىمدە ئېرىپ كەتتى.
‏16 كۈچۈم بىر ساپالدەك قۇرۇپ كەتتى،
تىلىم بولسا تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ كەتتى.
چۈنكى سەن مېنى ئۆلۈم توپىسىغا ياتقۇزۇپ قويدۇڭ.
‏17 ئىتلار مېنى قورشىۋالدى،
بىر توپ رەزىللەر مېنىڭ چۆرەمگە يىغىلىۋېلىپ،
قوللىرىم ۋە پۇتلىرىمنى تەشتى.
‏18 سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سانىيالايمەن.
ئۇلار ماڭا تىكىلىپ قارايدۇ.
‏19 ئۇلار كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىلىرىدا بۆلۈشىدۇ،
لىباسىم ئۈچۈن چەك تاشلىشىدۇ.
 
‏20 لېكىن سەن، ئەي پەرۋەردىگار، يىراق بولمىغىن.
ئەي مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم، ياردەمگە تېز كەلگىن.
‏21 جېنىمنى قىلىچتىن قۇتقۇزغىن،
يېگانە ھاياتىمنى ئىتلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن.
‏22 مېنى شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزغىن،
ياۋا بۇقىلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىدىن ئاجرىتىپ قۇتقۇزغىن.
سەن دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدىڭ!
 
‏23 مەن سېنىڭ نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا بايان قىلىمەن،
جامائەت ئىچىدە سېنى مەدھىيىلەيمەن.
‏24 ئەي سىلەر، پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار،
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار.
ئەي ياقۇبنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىنىڭ ھەممىسى،
ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار.
ئەي سىلەر، ئىسرائىلنىڭ نەسلىدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسى،
ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار.
‏25 چۈنكى ئۇ بىچارىنىڭ دەرد-ئەلىمىگە سەل قارىمىدى
ۋە ئۇنى رەت قىلمىدى.
ئۇ ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈمىدى،
بەلكى ئۇ ئىلتىجا قىلغاندا، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى.
 
‏26 چوڭ جامائەت ئىچىدە مەدھىيەلىرىم سېنىڭ ئۈچۈندۇر.
ۋەدىلىرىمنى ئۇنىڭ تەقۋادارلىرىنىڭ ئالدىدا ئادا قىلىمەن.
‏27 كەمتەر-مۇلايىم يەپ تويىدۇ.
پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەر ئۇنى مەدھىيىلەيدۇ.
سىلەرنىڭ دىلىڭلار مەڭگۈ ياشنايدۇ!
 
‏28 دۇنيانىڭ ھەممە چېتىدىكىلەر پەرۋەردىگارنى ياد ئېتىپ،
ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ.
ئەللەرنىڭ ھەممە قەبىلىلىرى سېنىڭ ئالدىڭدا سەجدە قىلىدۇ.
‏29 چۈنكى پادىشاھلىق پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر،
ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇدۇر.
‏30 دۇنيادىكى بايلارنىڭ ھەممىسى
يەپ-ئىچىدۇ ۋە سەجدە قىلىدۇ.
گۆرگە كىرىدىغان، ئۆز جېنىنى ساقلىيالمايدىغانلارنىڭ ھەممىسى
ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكىدۇ.
‏31 كېلەچەكتىكى نەسىل ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ.
ئۇ نەسىل ئىگىمىزنىڭ پەرزەنتلىرى دەپ سانىلىدۇ.
‏32 ئۇلار كېيىنكى ئەۋلادلارغا:
«ئۇ ھەققانىيلىقنى ئەمەلگە ئاشۇردى» دەپ،
ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى بايان قىلىدۇ.