23
‏1 داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
پەرۋەردىگار مېنىڭ پادىچىمدۇر،
ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەسمەن.
‏2 ئۇ مېنى ياپ-يېشىل يايلاقلاردا ياتقۇزار،
تىنچ سۇلارنىڭ بويىغا باشلاپ بارار.
‏3 ئۇ مېنىڭ روھىمنى يېڭىلار،
ئۆز نامى ئۈچۈن مېنى ئادالەتنىڭ يوللىرىدا يېتەكلەر.
‏4 ھەتتا ئۆلۈم سايىسى چۈشكەن جىلغىدىن ئۆتسەممۇ،
بالا-قازادىن ھېچ قورقمايمەن.
چۈنكى سەن مەن بىلەن بىللە بولىسەن،
تايىقىڭ ۋە ھاساڭ ماڭا تەسەللى بېرەر.
‏5 دۈشمەنلىرىمنىڭ ئالدىدا ماڭا داستىخان سالىسەن،
بېشىمنى ياغ بىلەن مايلايسەن،
پىيالەم تولۇپ تاشار.
‏6 ياخشىلىق ۋە مېھىر-شەپقەت ئۆمرۈمنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە
ماڭا ئەگىشىپ ھەمراھ بولار.
پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە ياشايمەن ئەبەدىلئەبەد.