24
1 داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات،
يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى
پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر.
2 چۈنكى ئۇ دېڭىزلار ئۈستىگە ئۇنىڭ ئۇلىنى سالدى،
سۇلار ئۈستىگە ئۇنى قۇردى.
3 پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا كىم چىقالايدۇ؟
كىم ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىدا تۇرالايدۇ؟
4 قوللىرى پاك، كۆڭلى ئاق،
قۇرۇق شۆھرەتكە كۆڭلىنى بەرمەيدىغان،
يالغان قەسەممۇ قىلمايدىغان كىشى
ئۇ يەردە تۇرالايدۇ.
5 مۇنداق كىشى پەرۋەردىگاردىن بەخت تاپىدۇ،
ئۇ نىجاتكارى بولغان خۇدا تەرىپىدىن ئاقلىنىدۇ.
6 مانا، بۇ خۇدانى ئىزدەپ سورايدىغان نەسىل،
سېنىڭ يۈزۈڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئەي ياقۇب.
سېلاھ.
7 ئەي دەرۋازىلار، باشلىرىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
ئەي مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر،
شان-شەرەپلىك پادىشاھ كىرسۇن دەپ كۆتۈرۈلۈڭلار!
8 شان-شەرەپلىك پادىشاھ كىمدۇر؟
ئۇ كۈچ-قۇدرەتلىك پەرۋەردىگاردۇر،
جەڭدە قۇدرەتلىك بولغان پەرۋەردىگاردۇر.
9 ئەي دەرۋازىلار، باشلىرىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
ئەي مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر،
شان-شەرەپلىك پادىشاھ كىرسۇن دەپ،
باشلىرىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
10 شان-شەرەپلىك پادىشاھ كىمدۇر؟
شان-شەرەپلىك پادىشاھ
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگاردۇر.
سېلاھ.