25
1 داۋۇد يازغان ناخشا. ئەي پەرۋەردىگار، روھىم تەلپۈنۈپ قارايدۇ ساڭا.
2 ئەي خۇدايىم، ساڭا تايىنىمەن، مېنى شەرمەندە قىلمىغىن.
دۈشمەنلىرىم ئۈستۈمدىن غالىب كېلىپ شادلانمىسۇن.
3 ساڭا ئىنتىزار بولۇپ تۇرغانلارنىڭ ھېچبىرى شەرمەندە بولماس،
بەلكى سەۋەبسىز خائىنلىق قىلغۇچىلار شەرمەندە بولار.
4 ئەي پەرۋەردىگار، يوللىرىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن،
ئىزلىرىڭغا چۈشۈشنى ماڭا ئۆگەتكىن.
5 سەن نىجاتكارىم بولغان خۇدا بولغاچقا،
مېنى ھەقىقىتىڭ بىلەن يېتەكلەپ تەلىم بەرگىن.
مەن كۈن بويى ئۈمىد باغلاپ تۇرىمەن ساڭا.
6 ئەي پەرۋەردىگار، ئەزەلدىن بار بولغان رەھىمدىللىقىڭ
ۋە مەرھەمەتلىرىڭنى ئېسىڭگە ئالغىن.
7 ئەي پەرۋەردىگار، ياشلىقىمنىڭ گۇناھلىرىنى
ۋە ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتمىغىن.
مېھىر-شەپقىتىڭ ۋە مېھرىبانلىقىڭ بىلەن مېنى ياد ئەتكىن.
8 پەرۋەردىگار مېھرىبان ۋە ئادىلدۇر.
شۇڭا ئۇ گۇناھكارلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ.
9 ئۇ كەمتەر-مۇلايىملارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ،
ئۇلارغا ئۆز يولىنى ئۆگىتىدۇ.
10 ئۇنىڭ ئەھدىسىنى ساقلاپ، يوليورۇقلىرىنى تۇتقانلار ئۈچۈن
پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە يوللىرى مېھىر-شەپقەتلىك ۋە ھەقتۇر.
11 ئەي پەرۋەردىگار، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن،
چۈنكى گۇناھلىرىم ئېغىردۇر.
12 پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان كىشىگە
خۇدا قايسى يولنى تاللاشنى ئۆگىتىدۇ.
13 ئۇنىڭ جېنى راھەت ئىچىدە ياشايدۇ،
ئۇنىڭ نەسلى بولسا يەرنى مىراس ئالىدۇ.
14 پەرۋەردىگار ئۆز تەقۋادارلىرىنى دوست تۇتىدۇ،
ئۆز ئەھدىسىنى ئۇلارغا كۆرسىتىدۇ.
15 كۆزلىرىم ھەمىشە پەرۋەردىگارغا قارايدۇ،
چۈنكى ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى توردىن چىقىرىدۇ.
16 ماڭا ئۆرۈلۈپ قارىغىن ۋە رەھىم قىلغىن،
چۈنكى مەن يالغۇز ۋە بىچارىمەن.
17 قەلبىمنىڭ دەرد-ئەلەملىرى كۆپىيىپ كەتتى.
مېنى دەردلىرىمدىن ئازاد قىلغىن.
18 ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن،
ھەممە گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن.
19 دۈشمەنلىرىمگە نەزەر سال، چۈنكى ئۇلار كۆپتۈر.
ئۇلار چوڭقۇر ئۆچمەنلىك بىلەن مەندىن نەپرەتلىنىدۇ.
20 جېنىمنى ساقلىغىن، مېنى قۇتقۇزغىن.
مېنى شەرمەندە قىلمىغىن چۈنكى مەن ساڭا تايىنىمەن.
21 پاكلىق ۋە دۇرۇسلۇق مېنى قوغدىغاي،
چۈنكى ساڭا ئۈمىد باغلىدىم.
22 ئەي خۇدا، ئىسرائىلنى ھەممە قىيىنچىلىقلىرىدىن قۇتۇلدۇردى.