26
‏1 داۋۇد يازغان ناخشا.
 
ئەي پەرۋەردىگار، ماڭا ئادىل ھۆكۈم چىقارغىن،
چۈنكى مەن ھەققانىيلىقىمنى ساقلاپ ماڭىمەن.
مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىمەن، تەۋرەنمەيمەن.
‏2 ئەي پەرۋەردىگار، سىنا مېنى، ئىسپاتلا مېنى،
پاكلا بۆرەكلىرىم ۋە يۈرىكىمنى.   
‏3 چۈنكى سېنىڭ مېھىر-شەپقىتىڭ كۆزلىرىمنىڭ ئالدىدا بولغاچ،
ھەقىقىتىڭدە ماڭىمەن.
‏4 مەن يالغانچىلار بىلەن ئولتۇرمايمەن،
ساختىپەزلەر بىلەن ئارىلاشمايمەن.
‏5 پاسىقلارنىڭ جامائىتىدىن نەپرەتلىنىمەن،
يامانلار بىلەن ئولتۇرمايمەن.
‏6 ئەي پەرۋەردىگار، مەن قوللىرىمنى پاكلىقتا يۇيىمەن،
قۇربانلىق سۇپاڭنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىمەن.
‏7 مىننەتدارلىق بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا
پۈتۈن كارامەتلىرىڭنى بايان قىلىمەن.
‏8 ئەي پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ بەيتىڭنى،
شان-شەرىپىڭنىڭ ماكانىنى سۆيىمەن.
‏9 سەن جېنىمنى گۇناھكارلارغا قوشمىغىن،
ھاياتىمنى قان تۆككۈچى كىشىلەر بىلەن بىر قاتاردا ئېلىپ كەتمىگىن.
‏10 چۈنكى ئۇلارنىڭ قوللىرىدا شۇملۇق باردۇر،
ئوڭ قوللىرى پارا بىلەن تولغان.
‏11 لېكىن مەن دۇرۇسلۇقۇمدا ماڭىمەن.
قۇتقۇز مېنى، ئىلتىپات قىل ماڭا.
‏12 مېنىڭ پۇتۇم تۈز يەردە تۇرىدۇ،
مەن جامائەتلەر ئىچىدە پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن.