27
‏1 داۋۇد يازغان ناخشا.
 
پەرۋەردىگار مېنىڭ نۇرۇم ۋە نىجاتكارىم،
مەن يەنە كىمدىن قورقاي؟
پەرۋەردىگار ھاياتىمنىڭ قورغىنى،
كىمدىن قورقۇپ تىترەي؟
‏2 يامانلار گۆشۈمنى يېگىلى كەلگەندە،
دۈشمەنلىرىم ۋە كۈشەندىلىرىم ماڭا ھۇجۇم قىلغاندا،
ئۆزلىرى پۇتلىشىپ دۈم چۈشتى.
‏3 ئەگەر بىر قوشۇن كېلىپ مېنى قورشىۋالسىمۇ،
كۆڭلۈم ئەنسىرىمەيدۇ.
ئۇلار ماڭا قارشى جەڭگە ئاتلانسىمۇ،
خاتىرجەم تۇرىۋەرىمەن.
 
‏4 بىرلا نەرسىنى پەرۋەردىگاردىن تەلەپ قىلدىم، تىلىكىم شۇكى:
ئۆمۈرۋايەت پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە تۇرۇپ،
پەرۋەردىگارنىڭ گۈزەللىكىنى تاماشا قىلىپ،
ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىزدەنسەم.
‏5 چۈنكى بېشىمغا ئاپەت كەلگەن كۈندە
ئۇ مېنى ئۆز سايىۋىنىگە يوشۇرۇۋالىدۇ.
ئۇ مېنى ئۆز چېدىرىنىڭ پاناھىدا ساقلايدۇ،
مېنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قورام تاش ئۈستىگە تۇرغۇزىدۇ.
‏6 شۇڭا چۆرەمدىكى دۈشمەنلىرىمنىڭ ئالدىدا بېشىم كۆتۈرۈلىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىدا خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىپ
قۇربانلىقلارنى سۇنىمەن.
مەن پەرۋەردىگارنى كۈيلەيمەن،
ئۇنىڭ ئۈچۈن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ياڭرىتىمەن.
 
‏7 ئەي پەرۋەردىگار، پەرياد قىلسام، قۇلاق سال ماڭا،
شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ جاۋاب بەر ماڭا.
‏8 كۆڭلۈمدە سەن سۆزلەپ: «دىدارىمنى ئىزدەڭلار» دەيسەن.
ئەي پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدەيمەن.
‏9 مەندىن يۈزۈڭنى يوشۇرمىغىن،
غەزىپىڭدە خىزمەتكارىڭنى قوغلىۋەتمىگىن.
ئەي مېنىڭ نىجاتكارىم بولغان خۇدا،
سەن ماڭا مەدەتكار بولۇپ كەلدىڭ،
مەندىن ئايرىلمىغىن ۋە مېنى تاشلاپ كەتمىگىن.
‏10 ئاتا-ئانام مېنى تاشلىسىمۇ،
پەرۋەردىگار مېنى قۇچىقىغا ئالىدۇ.
 
‏11 ئەي پەرۋەردىگار، يولۇڭنى ماڭا ئۆگەتكىن،
مېنى راۋان يولغا باشلىغىن.
چۈنكى دۈشمەنلىرىم مېنى پايلاپ تۇرىدۇ.
‏12 مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇپ بەرمىگىن.
چۈنكى يالغان گۇۋاھچىلار ماڭا قارشى قوزغالدى،
ئۇلار نەپەسلىرىدىن زوراۋانلىق ياغدۇرىدۇ.
‏13 تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرىدىغىنىمغا
ئىشەنمىگەن بولسام ئەگەر!
‏14 پەرۋەردىگارنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكىن،
مەردانە بولغىن، يۈرىكىڭ جەسۇر بولسۇن،
ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكىن.