28
1 داۋۇد يازغان ناخشا. ئەي پەرۋەردىگار، ئىلتىجا قىلىمەن ساڭا.
ئەي مېنىڭ قورام تېشىم، ماڭا سۈكۈت قىلمىغىن،
چۈنكى سەن ماڭا سۈكۈتتە تۇرۇۋالساڭ،
مەن گۆرگە چۈشۈپ كەتكەنلەرگە ئوخشاپ قالىمەن.
2 مەن ساڭا پەرياد قىلغىنىمدا،
قوللىرىمنى مۇقەددەس بەيتىڭدىكى
ئىچكىرىكى ئەڭ مۇقەددەس خانىغا قاراپ كۆتۈرگىنىمدە،
يالۋۇرۇشۇمنى ئاڭلىغىن.
3 مېنى يامانلار بىلەن،
ئۆز قوشنىسىغا دوستانە گەپ قىلىپ تۇرۇپ،
كۆڭلىدە يامانلىق ئويلايدىغان رەزىللەر بىلەن
بىر قاتاردا تاشلىۋەتمىگىن.
4 ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا،
قىلغان يامان ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ ئۇلارغا جازا بەرگىن.
قوللىرىنىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرغىن،
ئۇلارنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بەرگىن.
5 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمەللىرىگە ئېتىبار بەرمىگىنى ئۈچۈن،
ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ قىلغانلىرىنى كۆزگە ئىلمىغىنى ئۈچۈن،
ئۇ ئۇلارنى يىقىتىدۇ، ۋە قايتىدىن تۇرغۇزمايدۇ.
6 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىلسۇن،
چۈنكى ئۇ نالە-پەريادلىرىمغا قۇلاق سالدى.
7 پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم ۋە قالقىنىم.
كۆڭلۈم ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغاندا ئۇ ماڭا ياردەم بەردى.
شۇڭا كۆڭلۈم خۇشاللىققا تولدى،
ناخشام بىلەن ئۇنى مەدھىيىلەيمەن.
8 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ كۈچىدۇر،
ئۆزى تاللاپ مەسىھلىگىنىنىڭ نىجاتلىق قورغىنىدۇر.
9 ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزغىن،
مىراسىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلغىن.
ئۇلارنى ئەبەدكىچە پادىچىدەك ئاسراپ باققايسەن.