29
‏1 داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار، ئەي خۇدانىڭ ئوغۇللىرى،
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىنى مەدھىيىلەڭلار.   
‏2 پەرۋەردىگارغا ئۆز نامىغا لايىق شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار،
مۇقەددەس لىباس كىيىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىڭلار.
 
‏3 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى سۇلارنىڭ ئۈستىدە ئاڭلىنىدۇ،
شانۇ-شەۋكەتلىك خۇدا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىدۇ،
پەرۋەردىگار ئۇلۇغ سۇلارنىڭ ئۈستىدىدۇر.
‏4 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى قۇدرەتلىكتۇر،
پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى شەۋكەتلىكتۇر.
‏5 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى كېدىر دەرىخىنى سۇندۇرۇۋېتىدۇ،
پەرۋەردىگار لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىنى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ.
‏6 ئۇ ئۇلارنى موزايدەك سەكرىتىدۇ،
لىۋان بىلەن سىريون تاغلىرىنى ياۋا كالىنىڭ بالىسىدەك ئويناقلىتىدۇ.
‏7 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ئوتنىڭ يالقۇنلىرىنى يېرىۋېتىدۇ.
‏8 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى چۆل-باياۋاننى تەۋرىتىدۇ،
پەرۋەردىگار قادەش چۆلىنى تىترىتىدۇ.
‏9 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ماراللارنىڭ ئوغلاقلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ
ۋە ئورمانلارنى يالىڭاچ قىلىۋېتىدۇ.
ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ھەممىسى ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى بايان قىلىدۇ.
 
‏10 پەرۋەردىگار توپان ئۈستىگە تەخت قۇردى،
پەرۋەردىگار ئەبەدكىچە پادىشاھ بولۇپ ئولتۇرىدۇ.
‏11 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە كۈچ بېرىدۇ،
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىدۇ.