30
1 مۇقەددەس بەيتنىڭ خۇداغا ئاتاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقتىدا ئېيتىش ئۈچۈن داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. 2 ئەي پەرۋەردىگار، سەن ئۈستۈن قىلدىڭ مېنى،
دۈشمەنلىرىمنىڭ غالىب كېلىپ شادلىنىشىغا يول قويمىغىنىڭ ئۈچۈن
ئۇلۇغلايمەن سېنى.
3 ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىم، ساڭا نالە قىلغىنىمدا،
سەن ماڭا شىپالىق بەردىڭ.
4 ئەي پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ جېنىمنى ئۆلۈكلەر دىيارىدىن چىقاردىڭ،
مېنى گۆرگە چۈشۈرمەي، تىرىك قالدۇردۇڭ.
5 ئەي ئۇنىڭ تەقۋادارلىرى،
پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار،
ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.
6 چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى بىر دەملىكتۇر،
ئۇنىڭ شاپائىتى بىر ئۆمۈرلۈكتۇر.
ئاخشىمى يىغا-زارە كېلىپ قونۇپ قالسىمۇ،
سەھەردە خۇشال-خۇراملىق يېتىپ كېلىدۇ.
7 مەن راخات ئىچىدە ياشىغىنىمدا:
«زىنھار تەۋرەنمەيمەن» دېگەنىدىم.
8 ئەي پەرۋەردىگار، ئۆز شاپائىتىڭ بىلەن
سەن مېنىڭ تېغىمنى مەزمۇت تۇرغۇزغانىدىڭ،
بىراق سەن يۈزۈڭنى يوشۇرغىنىڭدا دەھشەتكە چۈشتۈم.
9 ساڭا نالە قىلدىم، ئەي پەرۋەردىگار،
ئىگەمگە يالۋۇرۇپ ئىلتىجا قىلدىم:
10 «مەن ئۆلۈپ گۆرگە چۈشكەندە،
تۆكۈلگەن قېنىمنىڭ نېمە پايدىسى بار؟
چاڭ-توزاڭلار ساڭا شۈكۈر ئېيتىپ،
ۋاپادارلىقىڭنى بايان قىلالارمۇ؟
11 ئەي پەرۋەردىگار، مېنى ئاڭلاپ ماڭا رەھىم قىلغىن.
ئەي پەرۋەردىگار، مېنىڭ مەدەتكارىم بولغىن» دېدىم.
12 سەن مېنىڭ ماتىمىمنى ئۇسسۇلغا ئايلاندۇردۇڭ،
ماتەم كىيىمىمنى سالدۇرۇپ،
شادلىق بەلۋېغى بىلەن بېلىمنى باغلىدىڭ.
13 شۇڭا روھىم سۈكۈتسىز، سېنى مەدھىيىلەپ ناخشا ئېيتقاي.
ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىم، ساڭا ئەبەدكىچە شۈكۈر ئېيتاي!