31
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئەي پەرۋەردىگار، مەن ساڭا تايىنىمەن.
مېنى ھەرگىز شەرمەندە قىلمىغىن.
ئادالىتىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزغىن.
‏3 قۇلاق سال ماڭا، تېز قۇتقۇز مېنى.
مۇستەھكەم بىر قورام تاش بول ماڭا،
قوغدايدىغان قورغان بول ماڭا.
‏4 چۈنكى سەن مېنىڭ قورام تېشىم ۋە قورغىنىمدۇرسەن.
ئۆز نامىڭ ئۈچۈن رەھبىرىم بولۇپ، يېتەكلىگىن مېنى.
‏5 ئۇلارنىڭ ماڭا قۇرغان قاپقان تۇزاقلىرىدىن مېنى تارتىپ چىقارغىن،
چۈنكى سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن.
‏6 مەن روھىمنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن.
ئەي پەرۋەردىگار، ھەق خۇدا، سەن مېنى قۇتۇلدۇرىسەن.
 
‏7 مەن ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلارنى يامان كۆرۈپ،
پەرۋەردىگارغىلا تايىنىمەن.
‏8 مېھىر-شەپقىتىڭدىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن،
چۈنكى سەن مېنىڭ تارتقان كۈلپەتلىرىمنى كۆرۈپ،
جېنىمنىڭ چەككەن ئازابلىرىنى بىلىسەن.
‏9 سەن مېنى دۈشمەننىڭ قولىغا تاشلاپ بەرمىدىڭ،
پۇتلىرىمنى كەڭ يەرگە تۇرغۇزدۇڭ.
 
‏10 ئەي پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم قىلغىن،
چۈنكى مەن ئازاب-ئوقۇبەتتە قالدىم.
مۇسىبەتتىن كۆزۈم ئاجىزلاشتى،
ۋۇجۇدۇم، جېنىم زەئىپلەشتى.
‏11 چۈنكى ئۆمرۈم غەم-قايغۇدا تۈگىمەكتە،
يىللىرىم ھەسرەت بىلەن ئۆتمەكتە.
گۇناھلىرىم تۈپەيلىدىن ماغدۇردىن كەتتىم،
سۆڭەكلىرىم قۇرۇپ كەتتى.
‏12 مەن بارلىق دۈشمەنلىرىم سەۋەبىدىن نومۇسقا قالدىم،
بولۇپمۇ قوشنىلىرىم ئالدىدا.
تونۇشلىرىم ئۈچۈن بىر ۋەھىمىگە ئايلاندىم.
مېنى كوچىدا كۆرگەنلەر مەندىن قاچىدۇ.
‏13 مەن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىدەك ئەستىن چىقىرىلىپ كەتتىم،
چېقىق چىنىغا ئوخشاپ قالدىم.
‏14 چۈنكى نۇرغۇنلاردىن تۆھمەت ئاڭلاۋاتىمەن،
ھەر تەرەپنى ۋەھىمە قاپلىدى.
ئۇلار ماڭا قارشى مەسلىھەت قىلىشىپ،
جېنىمنى ئېلىشنى قەستلىۋاتىدۇ.
‏15 ئەمما، ئەي پەرۋەردىگار، مەن ساڭا تايىنىپ:
«سەن مېنىڭ خۇدايىم» دەيمەن.
‏16 مېنىڭ ۋاقتىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر.
قۇتقۇزغىن مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ
ۋە مېنى ئەزگۈچىلەرنىڭ قولىدىن.
‏17 يۈزۈڭنىڭ نۇرى بىلەن خىزمەتكارىڭنى نۇرلاندۇرغىن،
مېھىر-شەپقىتىڭدە مېنى قۇتقۇزغىن.
‏18 ئەي پەرۋەردىگار، مېنى شەرمەندە قىلمىغىن،
چۈنكى مەن ساڭا يالۋۇرۇپ ئىلتىجا قىلدىم.
يامانلار شەرمەندە بولسۇن،
ئۆلۈكلەر دىيارىدا زۇۋانى تۇتۇلسۇن.
‏19 ھەققانىيلارغا قارشى تەكەببۇرلۇق قىلىپ،
ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي، يالغان سۆزلىگەن لەۋلەر يۇمۇلسۇن.
 
‏20 سېنىڭ ئادەم بالىلىرى ئالدىدا سەندىن قورقىدىغانلارغا ساقلاپ قويغان،
ساڭا تايانغانلارغا تەييارلاپ قويغان
نېمەتلىرىڭ نەقەدەر مولدۇر!
‏21 سەن ئۇلارنى ئىنساننىڭ سۇيىقەستلىرىدىن قوغداپ،
ئۆز ھۇزۇرۇڭدا پاناھىڭغا ئالىسەن.
سەن ئۇلارنى تىللارنىڭ چېقىشىدىن ساقلاپ،
سايىۋىنىڭگە يوشۇرۇپ قويىسەن.
‏22 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن،
چۈنكى ئۇ قورشاۋدا قالغان شەھەردە
ماڭا ئاجايىپ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسەتتى.
‏23 مەن بولسام، ھودۇققىنىمدىن:
«كۆزلىرىڭنىڭ ئالدىدىن كېسىپ تاشلاندىم» دېگەنتىم.
لېكىن مەن نالە قىلغىنىمدا،
سەن پەريادىمغا قۇلاق سالدىڭ.
‏24 ئەي پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە تەقۋادارلىرى، ئۇنى سۆيۈڭلار.
پەرۋەردىگار ۋاپادارلارنى قوغدايدۇ،
لېكىن ھاكاۋۇرلارغا يەتكۈدەك جازا بېرىدۇ.
‏25 ئەي پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانلار،
ھەممىڭلار غەيرەتلىك بولۇڭلار،
يۈرەكلىرىڭلار جەسۇر بولسۇن!