32
1 داۋۇد يازغان نەزمە. ئىتائەتسىزلىكى ئەپۇ قىلىنغان،
گۇناھى يېپىلغان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر!
2 كۆڭلىدە ھىيلە بولمىغان،
پەرۋەردىگار ئەيىبلىمىگەن كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر!
3 سۈكۈتتە تۇرغىنىمدا،
كۈن بويى ئاخ ئۇرۇپ سۆڭەكلىرىم قۇرۇپ كەتتى.
4 چۈنكى سېنىڭ قولۇڭ كېچە-كۈندۈز ئۈستۈمگە ئېغىر باستى.
يىلىكىم يازدىكى قۇرغاقچىلىقتەك قۇرۇپ كەتتى.
سېلاھ.
5 مەن سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھىمنى ئىقرار قىلىپ، ھەقسىزلىقىمنى يوشۇرماي:
«مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يامان ئىشلىرىمنى ئېتىراپ قىلاي» دېگىنىمدە،
سەن مېنىڭ ئېغىر گۇناھىمنى كەچۈردۈڭ.
سېلاھ.
6 شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تەقۋادار كىشى سەن تېپىلىدىغان چاغدا ساڭا دۇئا قىلسۇن.
ئۇلۇغ سۇلار ئۆرلەپ كەلسىمۇ، ھەرگىز ئۇنىڭغا يەتمەس.
7 سەن مېنىڭ پاناھگاھىمدۇرسەن.
سەن مېنى بالا-قازادىن ساقلاپ، نىجاتلىقنىڭ شادلىقى بىلەن قاپلايسەن.
سېلاھ.
8 مەن ساڭا تەلىم بېرىپ، ماڭىدىغان يولۇڭنى ساڭا كۆرسىتىمەن.
كۆزۈم سەندە بولۇپ، ساڭا نەسىھەت قىلىمەن.
9 تىزگىنلەيدىغان يۈگەنلىرى بولمىسا
ساڭا يېقىنلاشمايدىغان ئەقىلسىز ئات ياكى ئېشەكتەك بولمىغىن.
10 يامانلارنىڭ غەملىرى كۆپ بولىدۇ،
ئەمما مېھىر-شەپقەت پەرۋەردىگارغا تايانغۇچىنى ئورىۋالىدۇ.
11 ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولۇپ شادلىنىڭلار.
ئەي بارلىق كۆڭلى دۇرۇسلار، شادلىقتىن تەنتەنە قىلىڭلار.