33
‏1 ئەي ھەققانىيلار، شادلىق بىلەن پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار،
ئۇنى مەدھىيىلەش دۇرۇسلارغا يارىشار.
‏2 لىرا چېلىپ پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،
ئون تارلىق چىلتار چېلىپ،
مەدھىيە ناخشىلىرىنى ياڭرىتىڭلار.   
‏3 ئۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار،
ماھىرلىق بىلەن ساز چېلىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا ناخشا ئېيتىڭلار.
‏4 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھەقىقەتتۇر،
ئۇ ھەممە ئىشلىرىنى ساداقەت بىلەن قىلار.
‏5 ئۇ ھەققانىيلىق ۋە ئادالەتنى سۆيەر.
يەر-زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن تولغان.
‏6 ئاسمانلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بىلەن يارىتىلدى،
ھەممە يۇلتۇزلار ئۇنىڭ ئېغىزىدىكى نەپەس بىلەن يارىتىلدى.
‏7 ئۇ دېڭىزنىڭ سۇلىرىنى يىغىپ دۆۋىلەيدۇ،
چوڭقۇر سۇلارنى ئامبارلاردا ساقلاپ قويىدۇ.
‏8 پۈتۈن دۇنيا پەرۋەردىگاردىن قورقسۇن،
يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەملەر ئۇنىڭدىن ھېيىقىپ ئەيمەنسۇن.
‏9 ئۇ سۆزىدە «بولسۇن» دېسە، دېگىنى بولدى،
ئۇ بۇيرۇسا، بۇيرۇغىنى پەيدا بولدى.
 
‏10 پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ نىيەتلىرىنى بۇزۇۋېتەر،
خەلقلەرنىڭ خىياللىرىنى بەربات قىلار.
‏11 پەرۋەردىگارنىڭ چارارلىرى ئەبەدكىچە تۇرار،
كۆڭلىنىڭ مەقسەتلىرى نەسىلدىن نەسىلگە داۋام قىلار.
‏12 پەرۋەردىگارنى خۇدايمىز دەپ بىلگەن خەلق بەختلىكتۇر!
ئۇ ئۆزىگە مىراس قىلىپ تاللىغان خەلق نەقەدەر بەختلىكتۇر!
‏13 پەرۋەردىگار ئەرشتىن نەزەر سېلىپ،
ئادەم بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆزىتىپ تۇرار.
‏14 ئۇ ئۆز دەرگاھىدا تۇرۇپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلارغا نەزەر سالار.
‏15 ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ياراتقاچقا،
ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرار.
‏16 قوشۇنلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن پادىشاھلار قۇتۇلماس،
پالۋان قالتىس كۈچى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزالماس.
‏17 قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاتقا تايىنىش بىكاردۇر،
ئۇنىڭ قالتىس كۈچىمۇ قۇتقۇزالماس.
‏18 مانا، پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى، ئۇنىڭدىن قورقۇپ،
مېھىر-شەپقىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردىن ئۈزۈلمەس.
‏19 ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن
ۋە قەھەتچىلىكتە ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن.
‏20 روھىمىز پەرۋەردىگارغا ئىنتىزاردۇر،
ئۇ بىزنىڭ ياردەمچىمىز ۋە قالقىنىمىزدۇر.
‏21 ئۇنىڭ بىلەن شادلىنار قەلبىمىز،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تايىنىمىز.
‏22 ئەي پەرۋەردىگار، بىز ساڭا ئۈمىد باغلىغاچ،
سېنىڭ مېھىر-شەپقىتىڭ بىزگە يار بولغاي!