34
‏1 داۋۇدنىڭ ئابىمەلەك ئالدىدا ئۆزىنى ساراڭ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئالدىدىن قوغلانغىنىدا يازغان ناخشىسى.
 
‏2 مەن ھەر دائىم پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن،
ئۇنىڭغا بولغان مەدھىيەم ئاغزىمدىن كەتمەيدۇ.
‏3 جېنىم پەرۋەردىگاردىن پەخىرلىنىدۇ.
كەمتەرلەر بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولىدۇ.
‏4 ماڭا قوشۇلۇپ پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار،
بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىنى مەدھىيىلەيلى.
‏5 مەن پەرۋەردىگارنى ئىزدىدىم،
ئۇ ماڭا جاۋاب بەردى،
ھەممە قورقۇنچلىرىمدىن مېنى ئازاد قىلدى.
‏6 ئۇنىڭغا قارىغانلار نۇرلىنار.
ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ھەرگىز ئۇياتتا قالماس.
‏7 بۇ بىچارە نالە قىلدى،
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ،
ئۇنى ھەممە قىيىنچىلىقلىرىدىن قۇتقۇزدى.
‏8 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى
ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنىڭ ئەتراپىغا
بارگاھ قۇرۇپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.   
‏9 پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىڭلار.
ئۇنىڭغا تايانغانلار نەقەدەر بەختلىكتۇر!
‏10 ئەي ئۇنىڭ مۇقەددەسلىرى، پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ تەقۋادارلىرى ھېچ نەرسىگە موھتاج بولماس.
‏11 ئارسلانلار موھتاج بولۇپ ئاچ قالار،
ئەمما پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرگە ياخشىلىق ھېچ كەم بولماس.
‏12 كېلىڭلار، ئەي بالىلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار.
مەن پەرۋەردىگاردىن قورقۇشنى سىلەرگە ئۆگىتەي.
‏13 ئەگەر سەن ھاياتنى قەدىرلەپ،
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ بەختلىك بولاي دېگەن ئادەم بولساڭ،
‏14 تىلىڭنى يامان گەپتىن يىغقىن،
لەۋلىرىڭنى ھىيلىدىن ساقلىغىن.
‏15 يامانلىقنى تاشلاپ، ياخشىلىق قىلغىن.
تىنچ-ئامانلىقنى ئارزۇ قىلىپ، ئۇنى ئىزدىگىن.
‏16 پەرۋەردىگار ھەققانىيلارغا نەزەر سالار،
ئۇلارنىڭ نالە-پەريادىغا قۇلاق سالار.
‏17 لېكىن پەرۋەردىگار يامانلاردىن يۈز ئۆرەر،
ئۇ ئۇلارنىڭ ئىزىنى يەر يۈزىدىن يوقىتار.
‏18 ھەققانىيلار نالە قىلسا، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ،
ئۇ ئۇلارنى ھەممە قىيىنچىلىقلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ.
‏19 پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر،
روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ.   
‏20 ھەققانىيلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى كۆپ بولسىمۇ،
پەرۋەردىگار ئۇلارنى ھەممىسىدىن قۇتقۇزىدۇ.
‏21 ئۇ ئۇنىڭ ھەممە سۆڭەكلىرىنى ساقلايدۇ،
ئۇلارنىڭ ھېچبىرى سۇندۇرۇلمايدۇ.
‏22 يامانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ،
ھەققانىيلارغا ئۆچلەر جازالىنىدۇ.
‏23 پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارلىرىنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرىدۇ.
ئۇنىڭغا تايانغانلارنىڭ بىرىمۇ جازاغا تارتىلمايدۇ.