35
1 داۋۇد يازغان ناخشا. ئەي پەرۋەردىگار، مەن بىلەن دەۋالاشقانلار بىلەن
سەن ئۆزۈڭ دەۋالاشقىن،
ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلغانلار بىلەن
سەن ئۆزۈڭ ئۇرۇش قىلغىن.
2 قولۇڭغا قالقان ۋە سىپار ئالغىن،
دەس تۇرۇپ، ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگىن.
3 نەيزە پۇلاڭلىتىپ مېنى قوغلاۋاتقانلارنىڭ يولىنى توسقىن،
جېنىمغا: «مەن سېنىڭ نىجاتكارىڭمەن» دەپ ئېيتقىن.
4 جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار رەسۋا بولۇپ، ئۇياتتا قالسۇن.
ماڭا قەست قىلىۋاتقانلار كەينىگە يېنىپ، شەرمەندە بولسۇن.
5 ئۇلار شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزىغاي،
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى قوغلىۋەتسۇن.
6 ئۇلارنىڭ يولى قاراڭغۇ ۋە تېيىلغاق بولسۇن،
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى قوغلىۋەتسۇن.
7 ئۇلار ماڭا سەۋەبسىزلار يوشۇرۇن تور يايدى،
سەۋەبسىزلا جېنىمنى ئېلىش ئۈچۈن ئورا كولىدى.
8 مۇنداق قىلغۇچىنىڭ بېشىغا تۇيۇقسىز ئاپەت كەلسۇن،
ئۇ يايغان يوشۇرۇن تورىغا ئۆزى چۈشۈپ، ھالاك بولسۇن.
9 ئۇ چاغدا مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگاردىن سۆيۈنىدۇ،
ئۇنىڭ نىجاتلىقىدىن شادلىنىدۇ.
10 ھەممە سۆڭەكلىرىم سۆزلەپ:
«ئەي پەرۋەردىگار، ئېزىلگەنلەرنى زوراۋانلارنىڭ قولىدىن ئاجرىتىدىغان،
كەمبەغەل-بىچارىلەرنى قاراقچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدىغان
ساڭا ئوخشاش كىم بار؟» دەيدۇ.
11 رەزىل گۇۋاھچىلار قوپۇپ،
مەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى سوراپ مېنى سوراق قىلىدۇ.
12 ئۇلار ياخشىلىقىمغا يامانلىق قايتۇرغاچقا،
جېنىم سىقىلىپ قىينالدى.
13 لېكىن مەن بولسام، ئۇلار كېسەل بولغاندا
بۆز رەختكە يۆگىنىپ قايغۇردۇم.
مەن روزا تۇتۇپ، قايتا-قايتا دۇئا قىلدىم.
14 مەن ئۇلارنى دوست تۇتۇپ قېرىنداشتەك كۆرۈپ،
ئۆز ئانىسىغا ماتەم تۇتقان كىشىدەك، ئاھ ئۇرۇپ بەللىرىم ئېگىلدى.
15 لېكىن مەن پۇتلىشىپ كەتكىنىمدە،
ئۇلار توپلىشىپ تەنتەنە قىلىشتى.
مەن سەزمەستىن پەس ئادەملەر ماڭا قارشى بىرلەشتى.
ئۇلار توختىماي مېنى غاجاشتى.
16 بىر گىردە نان ئۈچۈن مەسخىرىۋازلىق قىلىدىغانلار
چىشلىرىنى ماڭا غۇچۇرلىتىشتى.
17 ئەي رەببىم، قاچانغىچە قاراپ تۇرىسەن؟
قۇتقۇز جېنىمنى ئۇلارنىڭ ھالاكەتلىك زەربىلىرىدىن،
ئەزىز ھاياتىمنى شىرلارنىڭ ئاغزىدىن!
18 شۇنداق قىلساڭ، چوڭ جامائەت ئىچىدە ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن،
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئارىسىدا سېنى مەدھىيىلەيمەن.
19 ماڭا ناھەق دۈشمەن بولغانلار ئەھۋالىمدىن شادلانمىسۇن.
ماڭا سەۋەبسىز ئۆچ بولغانلار كۆزلىرىنى ئالايتمىسۇن.
20 چۈنكى ئۇلار دوستانە گەپ قىلمايدۇ،
بەلكى زېمىندىكى تىنچلىقپەرۋەرلەرگە قارشى
ھىيلە-مىكىر ئويلاپ چىقىدۇ.
21 ئۇلار ماڭا ئاغزىنى يوغان ئېچىپ: «ھا-ھا! ھا-ھا!
كۈتكىنىمىزنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق!» دېيىشىدۇ.
22 ئەي پەرۋەردىگار، بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، سۈكۈتتە تۇرمىغىن.
ئەي رەببىم، مەندىن يىراق بولمىغىن.
23 ئەي مېنىڭ خۇدايىم، مېنىڭ ئىگەم،
قوزغالغىن ھەققىمنى قوغداش ئۈچۈن،
ئويغانغىن دەۋايىمنى قوللاش ئۈچۈن.
24 ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئادالىتىڭ بويىچە
ماڭا ئادىل ھۆكۈم چىقارغىن،
ئۇلارنىڭ ھالىمغا كۈلۈشىگە يول قويمىغىن.
25 ئۇلار ئۆز كۆڭلىدە: «ھا-ھا، تىلىگىنىمىزدەك بولدى» دېيىشمىسۇن.
«بىز ئۇنى يۇتۇۋەتتۇق» دېيىشمىسۇن.
26 بېشىمغا كەلگەن بالادىن خۇشال بولغانلار
شەرمەندە بولۇپ خىجالەتتە قالسۇن.
ماڭا يوغانچىلىق قىلغانلار
ئىزا-ئاھانەتكە چۆمۈپ كەتسۇن.
27 ئەمما مېنىڭ ھەققانىيلىقىمدىن سۆيۈنگەنلەر
خۇشاللىقتىن چۇقان سېلىشىپ توختىماستىن:
«خىزمەتكارىنىڭ ئامانلىقىنى خالىغان پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشسۇن.
28 شۇ چاغدا تىلىم سېنىڭ ئادالىتىڭ ھەققىدە سۆزلەپ،
كۈن بويى سېنى مەدھىيىلەيدۇ.