36
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى داۋۇد يازغان ناخشا. 2 يامان كىشىنىڭ ئاسىيلىقى توغرىسىدا مەن قەلبىمدە:
«ئۇنىڭدا خۇدادىن قورقۇش دېگەن نەرسە يوق» دەپ ئويلايمەن.
3 چۈنكى ئۇنىڭ كۆزىگە ئۆزىنىڭ گۇناھلىرى يامان كۆرۈنمەس،
ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ماختاپ: «مەندە گۇناھ تېپىلماس» دەيدۇ.
4 مۇنداق كىشىنىڭ ئاغزىدىكى سۆز
يامانلىق ۋە ھىيلە-مىكىرگە تولغان.
ئۇ ئەقىل-پاراسەت تىلىمەس،
ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلمەس.
5 ئۇ ئورنىدا ياتقىنىدىمۇ رەزىل ئويلارنى ئويلايدۇ.
ئۇ دۇرۇس بولمىغان يولغا كىرىپ،
يامانلىقتىن ھېچ نەپرەتلەنمەيدۇ.
6 ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ مېھىر-شەپقىتىڭ كۆكلەرگە يېتىپ بارار،
ۋاپادارلىقىڭ بۇلۇتلارغا تاقىشار.
7 ئادالىتىڭ بۈيۈك تاغلاردەك،
ھۆكۈملىرىڭ چوڭقۇر سۇلاردەك.
ئەي پەرۋەردىگار، سەن ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارنى ساقلىغۇچىسەن.
8 ئەي خۇدا، مېھىر-شەپقىتىڭ نەقەدەر بىباھادۇر،
ئادەم بالىلىرى سېنىڭ قاناتلىرىڭنىڭ سايىسىدا پاناھ تاپىدۇ.
9 ئۇلار سېنىڭ ئۆيۈڭدىكى نېمەتلەردىن يەپ تويىدۇ.
سەن ئۇلارغا ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىڭنىڭ دەرياسىدىن ئىچكۈزىسەن.
10 چۈنكى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا ھاياتلىق بۇلىقى بار،
بىز سېنىڭ نۇرۇڭ بىلەن يورۇقلۇقنى كۆرىمىز.
11 مېھىر-شەپقىتىڭنى سېنى تونۇغانلارغا
ۋە ئادالىتىڭنى كۆڭلى دۇرۇسلارغا كۆرسەتكىن.
12 تەكەببۇرلارنىڭ پۇتى مېنى دەسسىمىسۇن،
يامانلارنىڭ قولى مېنى قوغلىۋەتمىسۇن.
13 مانا، يامانلىق قىلغۇچىلار يىقىلىپ چۈشتى.
ئۇلار يىقىتىلدى، قايتا قوپالمايدۇ.