37
1 داۋۇد يازغان ناخشا. رەزىللەرنىڭ قىلمىشلىرىدىن كۆڭلۈڭ بىئارام بولمىسۇن،
يامانلىق قىلغۇچىلارغا ھەسەت قىلمىغىن.
2 چۈنكى ئۇلار ئوت-چۆپتەك تېز قۇرۇپ كېتەر،
گۈل-گىياھتەك سولىشىپ كېتەر.
3 پەرۋەردىگارغا تايىنىپ، ياخشىلىق قىلغىن،
زېمىندا ياشاپ، ۋاپادارلىقنى ساقلىغىن.
4 پەرۋەردىگارنى شادلىقىم دەپ بىلسەڭ،
ئۇ قەلبىڭدە ئارزۇ قىلغىنىڭنى بېرەر.
5 يولۇڭنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇپ،
ئۇنىڭغا تايانساڭ،
ئۇ ھەممىنى ھەل قىلار.
6 ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى نۇردەك يورۇتۇپ،
دۇرۇسلۇقۇڭنى چىڭقى چۈشنىڭ يورۇقىدەك روشەن قىلار.
7 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىنچلانغىن،
سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغىن.
ئىشلىرىدا روناق تاپقان،
يامان نەيرەڭ ئويلاپ تۇرغان كىشىگە
ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمىگىن.
8 ئاچچىقىڭدىن يانغىن، غەزىپىڭنى باسقىن،
ئۆزۈڭنى ئازابلىمىغىن.
بۇلار ساڭا پەقەت يامانلىق ئېلىپ كېلەر.
9 چۈنكى يامانلىق قىلغۇچىلار يوقىتىلار،
لېكىن پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانلار زېمىنغا ئىگە بولار.
10 ئۇزۇن ئۆتمەي يامان كىشى يوق بولىدۇ،
ئۇنىڭ تۇرغان جايىغا قاراپ باقساڭ، ئۇ ئۆزى يوقتۇر.
11 لېكىن كەمتەر-مۇلايىملار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ،
كاتتا ھۇزۇر لەززىتىنى تېتىيدۇ.
12 يامان كىشى ھەققانىي كىشىگە قەست قىلىپ،
چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
13 ئەمما ئىگىمىز ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىدۇ،
چۈنكى ئۇنىڭ جازالىنىش كۈنىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ■
14 يامانلار قىلىچنى سۇغۇرۇپ ئوقياسىنى تارتىدۇ،
ئۇلار كەمبەغەل-بىچارىلەرنى يىقىتىشقا
ۋە دۇرۇس يولدا ماڭغانلارنى بوغۇزلاشقا
تەييار تۇرىدۇ.
15 ئەمما ئۇلارنىڭ قىلىچى ئۇلارنىڭ ئۆز يۈرىكىگە سانجىلىدۇ
ۋە ئوقيالىرى سۇندۇرۇلىدۇ.
16 ھەققانىيلارنىڭ قولىدىكى ئاز بولسىمۇ،
يامانلارنىڭ كاتتا بايلىقىدىن ئەۋزەلدۇر.
17 چۈنكى يامانلارنىڭ بىلەكلىرى سۇندۇرۇلىدۇ،
ئەمما پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى يۆلەيدۇ.
18 پەرۋەردىگار دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ،
ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
19 ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە ئۇلار خىجالەتتە قالمايدۇ،
ئاچارچىلىق كۈنلىرىدىمۇ ئۇلار توق يۈرىدۇ.
20 يامانلار بولسا ھالاك بولىدۇ،
پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرى يايلاقنىڭ گۈللىرىدەك توزۇپ كېتىپ،
تۈتۈندەك تارقىلىپ يوقايدۇ.
21 يامان كىشى ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ،
لېكىن ھەققانىي ئادەم مەردلىك بىلەن بېرىدۇ.
22 پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشكەنلەر زېمىنغا مىراسچى بولار،
ئەمما ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلار يوقىتىلار.
23 پەرۋەردىگار بىر ئادەمنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولسا،
ئۇ ئۇنىڭ قەدەملىرىنى مەزمۇت قىلار.
24 مۇنداق كىشى پۇتلاشسىمۇ، يىقىلىپ چۈشمەيدۇ،
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇنى يۆلەيدۇ.
25 مەن ياش ئىدىم، ئەمدى قېرىپ قالدىم،
ئەمما ھەققانىي ئادەمنىڭ تاشلىنىپ كەتكىنىنى،
ئۇنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىنىڭ نان تىلەپ يۈرگىنىنى كۆرگەن ئەمەسمەن.
26 ئۇ ھەمىشە رەھىمدىل بولۇپ ئۆتنە بېرىدۇ،
ئۇنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىمۇ بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ.
27 يامانلىقنى تاشلاپ، ياخشىلىق قىلساڭ،
مەڭگۈلۈك ماكاندا ياشايسەن.
28 چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ،
ئۇ ئۆز تەقۋادارلىرىنى تاشلىمايدۇ.
ئۇلار ئەبەدكىچە قوغدىلىدۇ،
ئەمما يامانلارنىڭ نەسلى قىرقىپ تاشلىنىدۇ.
29 ھەققانىيلار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ،
ئەبەدكىچە ئۇنىڭدا ياشايدۇ.
30 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ھېكمەت چىقىدۇ،
ئۇنىڭ تىلى ھەق گەپ قىلىدۇ.
31 ئۆز خۇداسىنىڭ قانۇنى ئۇنىڭ كۆڭلىدە بولغاچقا،
ئۇنىڭ قەدەملىرىنىڭ ھېچبىرى تېيىلىپ كەتمەس.
32 يامان كىشى ھەققانىي ئادەمنى ماراپ تۇرار،
ئۇنى ئۆلتۈرۈش پۇرسىتىنى ئىزدەر.
33 ئەمما پەرۋەردىگار ئۇنى يامانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ،
ھەققانىي كىشى سوراققا تارتىلغاندا، ئۇ ئۇنى ئەيىبلىمەيدۇ.
34 پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاپ، ئۇنىڭ يولىنى تۇتقىن.
ئۇنداق قىلساڭ، ئۇ سېنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ.
يامانلارنىڭ يوقىتىلغىنىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن.
35 مەن رەزىل ۋە زوراۋان كىشىنىڭ
ئۆز تۇپرىقىدا ياشارغان بۈك-باراقسان دەرەختەك ئاينىپ كەتكىنىنى كۆردۈم.
36 ئەمما ئۇ ئۆتۈپ كەتتى، قارىسام، ئۇ يوق بولدى،
ئۇنى ئىزدىدىم، ئەمما ئۇ تېپىلمىدى.
37 كامىل ئادەمنى كۆزەتكىن، دۇرۇس كىشىگە قارىغىن.
مانا، مۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىرى ئامانلىق بولىدۇ.
38 ئەمما ئاسىيلىق قىلغۇچىلار ھالاك بولار،
يامانلارنىڭ نەسلى قۇرىتىلار.
39 ھەققانىيلارغا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن نىجاتلىق كېلەر،
ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنلەردە ئۇ ئۇلارنىڭ پاناھگاھى بولار.
40 پەرۋەردىگار ئۇلارغا ياردەم قىلىپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.
ئۇ ئۇلارنى يامانلاردىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا نىجاتلىق بېرىدۇ،
چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا تايىنىدۇ.