38
‏1 ئەسلىتىش ئۈچۈن داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئەي پەرۋەردىگار، غەزىپىڭدە مېنى ئەيىبلىمىگىن،
قەخرىڭدا مېنى جازالىمىغىن.
‏3 چۈنكى سېنىڭ ئوقلىرىڭ ماڭا سانجىلدى،
قولۇڭ مېنى بېسىۋالدى.
‏4 قاتتىق غەزىپىڭدىن بەدىنىمدە ساق يەر قالمىدى،
گۇناھىم تۈپەيلىدىن ئۇستىخانلىرىمنىڭ ھېچ ھالى قالمىدى.
‏5 چۈنكى گۇناھلىرىم بېشىمدىن ئاشتى،
ئېغىر بىر يۈكتەك مېنى بېسىۋالدى.
‏6 جاراھەتلىرىم بولسا ئەخمەقلىقىم سەۋەبىدىن
يىرىڭلاپ سېسىپ كەتتى.
‏7 مەن تولا دەرد تارتىپ، بېلىم ئېگىلىپ كەتتى،
كۈن بويى غەم-قايغۇغا پېتىپ يۈرىمەن.
‏8 بەللىرىم ئازابتىن يانىدۇ،
بەدىنىمنىڭ ساق يېرى قالمىدى.
‏9 مەن ھالسىراپ، بەك ئېزىلىپ كەتتىم،
قەلبىمدىكى بىئاراملىقتىن پەرياد قىلىپ نەرە تارتىمەن.
‏10 ئەي رەببىم، بارچە ئارزۇيۇم ساڭا ئايان،
ئاھ ئۇرۇشۇم ساڭا يوشۇرۇن ئەمەس.
‏11 يۈرىكىم سېلىپ،
ھالىمدىن كەتتىم.
كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى.
‏12 يار-بۇرادەرلىرىم ماڭا كەلگەن ۋابا سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرىدۇ،
يېقىنلىرىممۇ مەندىن يىراق تۇرىدۇ.
‏13 جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار ماڭا تۇزاق قۇرىدۇ.
ماڭا زىيان سېلىشنى ئارزۇلىغانلار
جېنىمغا قەست قىلىش توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.
ئۇلار كۈن بويى ھىيلە-مىكىر ئويلايدۇ.
 
‏14 مەن بولسام، ئاڭلىمايمەن خۇددى گاستەك،
ئېغىز ئاچمايمەن خۇددى گاچىدەك.
‏15 مەن ئاڭلىيالمايدىغان،
ئاغزىدا قايتۇرىدىغان جاۋابى يوق بىر ئادەمگە ئايلاندىم.
‏16 چۈنكى، ئەي پەرۋەردىگار، ساڭا ئۈمىد باغلىدىم.
ئەي ئىگەم، مېنىڭ خۇدايىم، سەن جاۋاب بېرىسەن.
‏17 «ئۇلار مېنىڭ ھالىمدىن خۇشال بولمىسۇن.
پۇتۇم تېيىلغاندا، مېنى مەسخىرە قىلمىسۇن» دېدىم.
‏18 مەن يىقىلاي دەپ قالدىم.
ئازابىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.
‏19 مەن يامانلىق قىلغىنىمنى ئىقرار قىلىمەن،
گۇناھىمغا پۇشايمان قىلىمەن.
‏20 دۈشمەنلىرىم ساغلام ۋە كۈچلۈكتۇر،
مېنى سەۋەبسىز ئۆچ كۆرگۈچىلەر نۇرغۇندۇر.
‏21 ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇرغۇچىلار،
توغرا يولدا ماڭغىنىم ئۈچۈن، ماڭا قارشى چىقتى.
‏22 ئەي پەرۋەردىگار، مېنى تاشلىمىغىن!
ئەي خۇدايىم، مەندىن يىراق تۇرمىغىن!
‏23 ئەي ئىگەم، مېنىڭ نىجاتكارىم،
ماڭا ياردەم قىلىشقا ئالدىرىغىن!