39
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. 2 «تىلىم بىلەن گۇناھ قىلماسلىقىم ئۈچۈن يوللىرىمغا دىققەت قىلاي،
يامانلارنىڭ ئالدىدا ئاغزىمغا يۈگەن سالاي» دېدىم.
3 مەن سۈكۈت قىلىپ زۇۋان سۈرمىدىم.
ھەتتا ياخشىلىق توغرىسىدىمۇ ئېغىز ئاچمىدىم،
ئەمما دەردىم تېخىمۇ ئېغىرلاستى.
4 يۈرىكىم ئىچىمدە ياندى.
ئويلىنىپ تۇرغىنىمدا، ئىچىمدە بىر ئوت كۆيۈشكە باشلىدى.
ئاخىر تىلىم بىلەن مۇنداق دېدىم:
5 «ئەي پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئاخىرىمنى،
كۈنلىرىمنىڭ سانى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى،
قانداق ئاجىز ئىكەنلىكىمنى ماڭا بىلدۈرگىن».
6 مانا، سەن كۈنلىرىمنى بىر غېرىچلا قىلغاچقا،
ئۆمرۈم ئالدىڭدا ھېچنېمە ئەمەستۇر.
بەرھەق، ئىنسان قانچە مۇستەھكەم تۇرسىمۇ،
ئۇ پەقەت بىر تىنىقلا خالاس.
سېلاھ.
7 ئادەم سايىدەك مېڭىپ يۈرۈپ،
بىكاردىن-بىكار ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ،
بايلىق يىغقىنى بىلەن،
ئۇنىڭ كىمگە قالىدىغانلىقىنى بىلمەس.
8 ئەي رەببىم، ئەمدى مەن نېمىنى كۈتەي؟
ئۈمىدىم سېنىڭدە ئەمەسمۇ؟
9 مېنى ھەممە گۇناھلىرىمدىن قۇتقۇزغىن،
ئەخمەقلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغىن.
10 مەن گاچا بولۇپ زۇۋان سۈرمىدىم،
چۈنكى بۇنى سەن ئۆزۇڭ قىلدىڭ.
11 ماڭا بەرگەن بالايىڭنى مەندىن كۆتۈرۈۋەتكىن،
مەن قولۇڭنىڭ زەربىسىدىن تۈگەشتىم.
12 سەن ئادەمگە ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن جازا بېرىپ تەربىيىلىسەڭ،
سەن كۈيە چۈشكەندەك ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى يوقىتىسەن.
بەرھەق، ھەر ئادەم بىر تىنىقلا خالاس.
سېلاھ.
13 ئەي پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلاپ پەريادىمغا قۇلاق سالغىن،
كۆز ياشلىرىمنى كۆرۈپ سۈكۈت قىلمىغىن.
چۈنكى مەن سېنىڭ ئالدىڭدا بىر مۇساپىرمەن،
ھەممە ئاتا-بوۋىلىرىمدەك بىر مېھمانمەن.
14 مەن بۇ يەردىن كېتىپ يوق بولۇپ كەتمەستىن ئىلگىرى،
كۆزۈڭنى مەندىن ئۈزۈپ، مېنى ئازغىنە ئارامىمدا قويغىن.