40
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. 2 مەن پەرۋەردىگارنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتتۈم.
ئۇ ئېگىلىپ، نالەمنى ئاڭلىدى.
3 ئۇ مېنى ھالاكەت ئازگىلىدىن تارتىۋېلىپ،
پاتقاقلىقتىن چىقىرىۋالدى.
ئۇ پۇتلىرىمنى بىر قورام تاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ،
قەدەملىرىمنى مەزمۇت قىلدى.
4 ئۇ ئاغزىمغا يېڭى بىر ناخشىنى،
خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەيدىغان ناخشىنى سالدى.
نۇرغۇنلار بۇنى كۆرۈپ قورقۇپ،
پەرۋەردىگارغا تايانماقچى بولىدۇ.
5 پەرۋەردىگارغا تايانغان،
تەكەببۇرلار ۋە يالغانچىلارغا مايىل بولمىغان كىشى
نەقەدەر بەختلىكتۇر!
6 ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىم، بىز ئۈچۈن قىلغان ئاجايىپ ئىشلىرىڭ،
ۋە ئوي-نىيەتلىرىڭ نەقەدەر كۆپتۇر.
مەن ئۇلارنى سۆزلەپ بايان قىلاي دېسەم، ئۇلار ساناپ تۈگەتكۈسىزدۇر.
ھېچكىم ساڭا تەڭ ئەمەس.
7 سەن سويۇلگان قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەسىدىن سۆيۈنمىدىڭ،
ئەمما ئاڭلىسۇن دەپ قۇلاقلىرىمنى ئېچىپ قويدۇڭ.
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ قۇربانلىقىنى تەلەپ قىلمىدىڭ.
8 شۇنىڭ بىلەن مەن سۆزلەپ: «مانا، مەن كەلدىم،
ئورالما پۈتۈكتە مەن توغرۇلۇق يېزىلغاندۇر.
9 ئەي خۇدايىم، سېنىڭ ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن شادلىنىمەن،
قەلبىمدە سېنىڭ قانۇنۇڭ بار» دېدىم.
10 مەن چوڭ جامائەت ئىچىدە ئادالىتىڭنى بايان قىلدىم.
ئەي پەرۋەردىگار، سەن بىلىسەن، لەۋلىرىمنى يىغىۋالمىدىم.
11 ئادالىتىڭنى قەلبىمدە يوشۇرماي،
ۋاپادارلىقىڭ ۋە نىجاتلىقىڭنى جاكارلىدىم.
مېھىر-شەپقىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى سىر تۇتماي،
چوڭ جامائەتكە بايان قىلدىم.
12 ئەي پەرۋەردىگار، سەن مەندىن رەھىم-شەپقىتىڭنى ئايىمىغىن،
مېھىر-مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭ مېنى ھەمىشە قوغدىسۇن.
13 چۈنكى ھېسابسىز كۈلپەتلەر مېنى قورشىۋالدى،
گۇناھلىرىم مېنى بېسىپ كۆرەلمەس بولدۇم.
ئۇلار بېشىمدىكى چاچلىرىمدىنمۇ كۆپتۇر، جاسارىتىم سۇندى.
14 ئەي پەرۋەردىگار، ئىلتىپات قىلىپ مېنى قۇتقۇزغىن.
ئەي پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەم بېرىشكە ئالدىرىغىن.
15 مېنى ھالاك قىلىمىز دەپ جېنىمغا قەست قىلىۋاتقانلار
شەرمەندە بولۇپ خىجالەت تارتسۇن.
مېنىڭ ئازاب چېكىشىمدىن سۆيۈنگەنلەر
كەينىگە يېنىپ، رەسۋا بولسۇن.
16 مېنى مەسخىرە قىلىپ «ھا-ھا! ھا-ھا!» دەگەنلەر
ئۇياتقا قېلىپ ۋەيران بولسۇن.
17 ئەمما سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى
سەندىن خۇشال بولۇپ شادلانسۇن.
نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە:
«پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن» دېسۇن.
18 مەن بىچارە ۋە ھاجەتمەن بولساممۇ،
ئىگەم مېنىڭ غېمىمنى قىلىدۇ.
سەن مېنىڭ ياردەمچىم ۋە قۇتقۇزغۇچىمسەن.
ئەي خۇدايىم، كېچىكمىگىن.