41
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. 2 يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى بەختلىكتۇر.
يامان كۈنلەردە، پەرۋەردىگار ئۇنى قوغدايدۇ.
3 دەرۋەقە پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ ھاياتىنى ساقلايدۇ.
ئۇ زېمىندا بەختلىك ياشايدۇ.
سەن ئۇنى ھەرگىز دۈشمەنلىرىنىڭ ئىختىيارىغا تاشلاپ بەرمەيسەن.
4 ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا، سەن، پەرۋەردىگار، ئۇنى يۆلەيسەن.
كېسەل بولغاندا، سەن ئۇنىڭ ئورنىنى تۈزەشتۈرىسەن. ■
5 مەن ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدىم:
«ئەي پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم قىلغىن، جېنىمغا شىپالىق بەرگىن،
چۈنكى ساڭا قارشى گۇناھ قىلدىم».
6 دۈشمەنلىرىم مېنى قارغاپ: «ئۇ قاچانمۇ ئۆلەر؟
ئۇنىڭ نامى قاچانمۇ يوقىلىپ كېتەر» دېيىشىدۇ.
7 ئۇلاردىن بىرى مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلسە، يالغان گەپ قىلىدۇ.
ئۇ كۆڭلىگە شۇملۇق توپلاپ،
ئاندىن يېنىمدىن چىقىپ، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىدۇ.
8 ماڭا ئۆچلەرنىڭ ھەممىسى مەن توغرۇلۇق ئۆزئارا پىچىرلىشىپ،
ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشنى قەستلەپ يۈرىدۇ.
9 ئۇلار: «ئۇنىڭغا بالا چاپلاشتى،
ئۇ ئەمدى ياتقان ئورنىدىن قايتا تۇرالماس» دېيىشىدۇ.
10 ھەتتا ئۆزۈم ئىشەنگەن،
ئاش-تۇزۇمنى يېگەن يېقىن دوستۇم
ماڭا پەشۋا ئاتتى.
11 ئەمما سەن، ئەي پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىمدىل بولغىن،
ئۇلارنىڭ جاجىسىنى بېرىش ئۈچۈن مېنى دەس تۇرغۇزغىن.
12 دۈشمەنلىرىمنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن غالىب كېلىپ،
شادلىنىشىغا يول قويمىغىنىڭدىن
سېنىڭ مەندىن سۆيۈنگىنىڭنى بىلىۋالدىم.
13 دۇرۇس بولغىنىم ئۈچۈن
سەن مېنى ئەبەدكىچە ھۇزۇرۇڭدا تۇرغۇزىسەن.
14 ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا
ئەزەلدىن ئەبەدكىچە ھەمدۇسانا بولغاي. ئامىن.