ئىككىنچى بۆلۈم - زەبۇر 42-72
42
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، قوراھ ئوغۇللىرى يازغان نەزمە.
 
‏2 ئەي خۇدا، كېيىك ئېقىن سۇغا تەشنا بولغاندەك،
مېنىڭ جېنىم ساڭا تەشنادۇر.
‏3 دەرۋەقە جېنىم خۇداغا تەشنا، تىرىك خۇداغا ئىنتىزار.
مەن قاچانمۇ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولالايمەن؟
‏4 كۆز ياشلىرىم كېچە-كۈندۈز ماڭا غىزا بولدى.
ئۇلار دائىم ماڭا: قېنى، سېنىڭ خۇدايىڭ؟» دېيىشىدۇ.
‏5 ئۆزۈمنىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە، ھېيت قىلىدىغان جامائەتكە قېتىلىپ،
مەدھىيە ئېيتىپ تەنتەنە قىلىپ مېڭىپ،
خۇدانىڭ بەيتىگە بارغانلىرىمنى ئەسلىگىنىمدە،
ھەسرەتلىنىپ ئەلەمدە ئۆرتىنىمەن.
‏6 ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا شۇنچە غەمكىنسەن،
نېمىشقا ئىچىمدە شۇنچە بىئارامسەن؟
خۇداغا ئۈمىد باغلىغىن،
چۈنكى ئۇنىڭغا يەنىلا شۈكۈر ئېيتىمەن.
ئۇ مېنىڭ نىجاتكارىم ۋە خۇدايىمدۇر.
 
‏7 ئەي خۇدايىم، جېنىم ئىچىمدە غەمكىندۇر.
شۇڭا مەن ئىئورداننىڭ زېمىنىدا،
خەرموننىڭ ئېگىزلىكلىرى ۋە مىزار تاغلىرىدا سېنى ياد ئېتىمەن.
‏8 شارقىراتمىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى گۈلدۈرلىمەكتە،
چوڭقۇر سۇلار بىر-بىرىنى چاقىرىشماقتا،
ھەممە دولقۇنلىرىڭ ۋە ئۆركەشلىرىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتمەكتە.
‏9 كۈندۈزى پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىدۇ،
كېچىسى ئۇنىڭ ناخشىسى ۋە ھاياتىمنىڭ خۇداسىغا قىلغان دۇئايىم
ماڭا ھەمراھ بولىدۇ.
‏10 قورام تېشىم بولغان خۇداغا:
«نېمىشقا مېنى ئۇنتۇپ قالدىڭ؟
نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ،
غەم-قايغۇدا يۈرىمەن؟» دېدىم.
‏11 دۈشمەنلىرىم سۆڭەكلىرىمنى چېقىۋەتكۈدەك تاپا-تەنە قىلىپ،
دائىم مەندىن: «قېنى، سېنىڭ خۇدايىڭ؟» دەپ سورايدۇ.
‏12 ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا شۇنچە غەمكىنسەن،
نېمىشقا ئىچىمدە شۇنچە بىئارامسەن؟
خۇداغا ئۈمىد باغلىغىن،
چۈنكى ئۇنىڭغا يەنىلا شۈكۈر ئېيتىمەن.
ئۇ مېنىڭ نىجاتكارىم ۋە خۇدايىمدۇر.