43
‏1 ئەي خۇدا، مەن ئۈچۈن ئادىل ھۆكۈم چىقارغىن،
خۇدادىن قورقمايدىغان خەلققە قارشى دەۋايىمنى قوللىغىن،
مېنى ھىيلىگەر ۋە رەزىل ئادەملاردىن قۇتقۇزغىن.
‏2 مېنىڭ باشپاناھىم بولغان خۇدادۇرسەن،
نېمىشقا مېنى تاشلىۋېتىسەن؟
نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ،
غەم-قايغۇدا يۈرىمەن؟
‏3 ئۆز نۇرۇڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى ئەۋەتكىن.
ئۇلار مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا يېتەكلىسۇن،
سېنىڭ ماكانلىرىڭغا ئېلىپ بارسۇن.
‏4 شۇندا مەن خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا كىرىپ
مېنىڭ چەكسىز شادلىقىم بولغان خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ،
لىرا چېلىپ سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئەي خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم.
‏5 ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا شۇنچە غەمكىنسەن،
نېمىشقا ئىچىمدە شۇنچە بىئارامسەن؟
خۇداغا ئۈمىد باغلىغىن،
چۈنكى ئۇنىڭغا يەنىلا شۈكۈر ئېيتىمەن.
ئۇ مېنىڭ نىجاتكارىم ۋە خۇدايىمدۇر.