44
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، قوراخ ئوغۇللىرى يازغان نەزمە.
 
‏2 ئەي خۇدا، سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ كۈنلىرىدە،
قەدىمكى زاماندا قىلغان ئىشلىرىڭنى
ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزگە دەپ بەردى،
بىز ئۇلارنى ئۆز قۇلاقلىرىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق.
‏3 سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن خەلقلەرنى قوغلىۋەتتىڭ،
ئەمما ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئۇ زېمىنغا ئورۇنلاشتۇردۇڭ.
سەن باشقا خەلقلەرنى ئۇردۇڭ،
ئەمما ئۇلارنىڭ يېيىلىشىغا سەۋەب بولدۇڭ.
‏4 چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز قىلىچ بىلەن زېمىننى ئىگىلىۋالمىدى،
ئۆز بىلىكى بىلەن غەلىبىگە ئېرىشمىدى.
بەلكى سەن ئۇلاردىن سۆيۈنگەچكە،
سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئۆز بىلىكىڭ
ۋە يۈزۈڭنىڭ نۇرى ئۇلارنى قۇتقۇزدى.
‏5 ئەي خۇدا، سەن مېنىڭ پادىشاھىمسەن.
ياقۇبقا غەلىبە ئاتا قىلغۇچىسەن.
‏6 سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن دۈشمەنلىرىمىزنى يىقىتىمىز،
سېنىڭ نامىڭ بىلەن بىزگە قارشى چىققانلارنى چەيلەيمىز.
‏7 چۈنكى مەن ئوقيايىمغا ئىشەنچ باغلىمايمەن،
قىلىچىم مېنى قۇتقۇزالماس.
‏8 پەقەتلا سەن ئۆزۈڭ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن قۇتقۇزىسەن،
بىزدىن نەپرەتلىنىدىغانلارنى شەرمەندە قىلىسەن.
‏9 خۇدانى كۈن بويى ماختاپ مەدھىيىلەيمىز.
سېنىڭ نامىڭغا ئەبەدكىچە شۈكۈر ئېيتىمىز.
سېلاھ.
 
‏10 ئەمما سەن بىزنى تاشلاپ ئاھانەتكە قويدۇڭ،
قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمىدىڭ.
‏11 سەن دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئالدىدا بىزنى كەينىمىزگە چېكىندۈرگەچكە،
بىزگە ئۆچلەر بىزنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى.
‏12 سەن بىزنى قويلاردەك بوغۇزلاشقا تۇتۇپ بەردىڭ،
ئەللەر ئارىسىغا بىزنى چېچىۋەتتىڭ.
‏13 سەن ئۆز خەلقىڭنى ئەرزانغا سېتىۋەتتىڭ،
ئۇلارنى سېتىشتىن سەن ھېچ پايدا ئالمىدىڭ.
‏14 سەن بىزنى قوشنىلىرىمىزنىڭ ھاقارىتىغا،
ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ زاڭلىقى ۋە مەسخىرىسىگە قالدۇردۇڭ.
‏15 سەن بىزنى يات ئەللەر ئارىسىدا ماقال-تەمسىلنىڭ ماۋزۇسى قىلىپ،
خەلقلەرنىڭ بىزگە باش چايقىشىغا يول قويدۇڭ.
‏16 كۈن بويى ئۇياتقا قالغىنىم كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ،
خىجالەت يۈزۈمنى قاپلايدۇ.
‏17 چۈنكى دۈشمەن ۋە قىساسكارنىڭ مەسخىرىسى
ۋە ھاقارەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن.
 
‏18 بىز سېنى ئۇنتۇمىغان، ئەھدەڭگىمۇ خىيانەت قىلمىغان بولساقمۇ،
بۇلارنىڭ ھەممىسى بېشىمىزغا كەلدى.
‏19 كۆڭلىمىز ساڭا ئاسىي بولمىغان بولسىمۇ،
قەدەملىرىمىز سېنىڭ يولۇڭدىن چەتنىمىگەن بولسىمۇ،
‏20 سەن بىزنى چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانىدا ئېزىپ،
ئۆلۈم سايىسى بىلەن قاپلاپ قويدۇڭ.
‏21 ئەگەر خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق،
قوللىرىمىزنى يات ئىلاھقا كۆتۈرگەن بولساق،
‏22 كۆڭۈلنىڭ سىرلىرىنى بىلگۈچى خۇدا
بۇنى بايقىماسمىدى؟
 
‏23 بەلكى بىز سەن ئۈچۈن كۈن بويى ئۆلتۈرۈلمەكتىمىز،
بوغۇزلىنىدىغان قويلار ھېسابلانماقتىمىز.
‏24 ئويغان، ئەي رەببىم، نېمىشقا ئۇخلايسەن؟
تۇر ئورنۇڭدىن، بىزنى ئەبەدكىچە تاشلىمىغىن!
‏25 نېمىشقا يۈزۈڭنى يوشۇرىسەن؟
نېمىشقا بىزنىڭ ئازابلىرىمىز ۋە ئۇچرىغان زۇلۇملىرىمىزغا پىسەنت قىلمايسەن؟
‏26 مانا، جېنىمىز توپ-چاڭغا تەسلىم بولدى،
تېنىمىز يەرگە چاپلاشتى.
‏27 بىزگە ياردەم بېرىشكە قوزغال،
ۋە مېھىر-شەپقىتىڭ نامىدىن بىزنى قۇتۇلدۇرغىن.