45
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، قوراھ ئوغۇللىرى يازغان نەزمە. بىر مۇھەببەت ناخشىسى. 2 كۆڭلۈمدىن گۈزەل سۆزلەر ئۇرغۇپ چىقىدۇ،
پادىشاھقا ئاتاپ يازغان شېئىرىمنى ئوقۇيمەن.
تىلىم ئۇستا يازغۇچىنىڭ قەلىمىدەكتۇر.
3 سەن ئادەم بالىلىرىنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن گۈزەلسەن،
لەۋلىرىڭ مېھرىبانلىققا تولغاندۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا ساڭا مەڭگۈلۈك بەخت ئاتا قىلدى.
4 ئەي پالۋان، قىلىچىڭنى بېلىڭگە ئاسقىن،
شان-شەرەپ ۋە ھەيۋەت بىلەن چىققىن.
5 شان-شەرىپىڭ بىلەن، ھەقىقەت، كەمتەرلىك ۋە ئادالەتنى قوغداشقا
ئاتلىنىپ چىقىپ، غەلىبە بىلەن ئىلگىرىلىگىن.
ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭگە ئاجايىپ ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
6 ئۆتكۈر ئوقلىرىڭ پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدۇ،
خەلقلەر ئاياغلىرىڭنىڭ ئاستىغا يىقىلىدۇ.
7 ئەي خۇدا، سېنىڭ تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر،
سېنىڭ پادىشاھلىقىڭنىڭ سەلتەنەت ھاسىسى ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر.
8 سەن ھەققانىيلىقنى سۆيۈپ، يامانلىقنى ئۆچ كۆرىسەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا، سېنىڭ خۇدايىڭ، ھەمراھلىرىڭنىڭ ئارىسىدا
سېنى شادلىقنىڭ يېغى بىلەن مەسىھلىدى.
9 ھەممە كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككى،
مۇئەتتەر ۋە دارچىننىڭ ھىدى كېلىدۇ،
پىل چىشى قەسىرلەردىن ياڭرىغان
تارلىق سازلارنىڭ ساداسى سېنى خۇرسەن قىلىدۇ.
10 ئورداڭدىكى ئىززەتلىك ئاياللارنىڭ ئارىسىدا شاھ قىزلىرى باردۇر،
خانىشىڭ ئوفىرنىڭ ئالتۇنى بىلەن زىننەتلىنىپ، ئوڭ يېنىڭدا تۇرىدۇ.
11 ئەي قىز، ئاڭلىغىن، كۆرگىن ۋە قۇلاق سالغىن!
ئۆز خەلقىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ ئۆيىنى ئۇنتۇغىن.
12 چۈنكى پادىشاھ سېنىڭ غوجاڭ بولۇپ تۇرغاچقا،
ئۇ سېنىڭ گۈزەللىكىڭدىن سۆيۈنسۇن.
ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىن.
13 تىرنىڭ قىزى ساڭا ھەدىيە ئېلىپ كېلىدۇ،
خەلقلەرنىڭ بايلىرى سەندىن ئىلتىپات تىلەيدۇ. ■
14 پۈتۈن شان-شەرەپلەر شاھ قىزىدىدۇر،
ئۇنىڭ لىباسى زەر بىلەن كەشتىلەنگەندۇر.
15 بۇ قىز رەڭمۇ-رەڭ كەشتىلەنگەن لىباس كىيىپ،
پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلىدۇ.
ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭغان كېنىزەكلىرىمۇ
ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىنىدۇ.
16 ئۇلار خۇشال-خۇراملىك بىلەن كەلتۈرۈلۈپ،
پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىدۇ.
17 ئوغۇللىرىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئورنىغا چىقىدۇ،
ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ھاكىم قىلىسەن.
18 مەن سېنىڭ نامىڭنى نەسىلدىن نەسىلگىچە ياد ئەتكۈزىمەن.
خەلقلەر ئەبەدىلئەبەد سېنى مەدھىيىلەيدۇ.