46
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئالوموت» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، قوراھ ئوغۇللىرى يازغان ناخشا. 2 خۇدا بىزنىڭ پاناھىمىز ۋە كۈچ-قۇدرىتىمىزدۇر.
بىز ئازاب-ئوقۇبەتتە قالغىنىمىزدا
ئۇ ھەر دائىم ياردەمگە تەييار.
3 شۇنىڭ ئۈچۈن يەر ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتسىمۇ،
تاغلار غۇلاپ دېڭىزنىڭ تېگىگە چۈشۈپ كەتسىمۇ،
4 دېڭىزنىڭ سۇلىرى ئۆركەشلەپ ئۆرلەپ،
ئۇنىڭ تاشقىنلىرىدىن تاغلار تەۋرىنىپ كەتسىمۇ،
بىز قورقمايمىز.
سېلاھ.
5 ئېقىنلىرى خۇدانىڭ شەھىرىنى خۇشال قىلىدىغان،
ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ
مۇقەددەس ماكانىنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر دەريا بار.
6 خۇدا ئۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغاچقا،
ئۇ ھېچ تەۋرەنمەي تۇرىدۇ.
تاڭ ئاتقاندا خۇدا ئۇنىڭغا ياردەمگە كېلىدۇ.
7 خەلقلەر غوۋغا كۆتۈرىدۇ،
پادىشاھلىقلار غۇلاپ چۈشىدۇ.
ئەمما ئۇ ئاۋازىنى چىقارسا، يەر-زېمىن ئېرىپ كېتىدۇ.
8 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللىدۇر،
ياقۇبنىڭ خۇداسى بىزنىڭ ئېگىز قەلئەمىزدۇر.
سېلاھ.
9 سىلەر كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىشلىرىغا نەزەر سېلىڭلار،
ئۇنىڭ يەر يۈزىدە قانداق ئاجايىپ ئىشلار قىلغىنىنى كۆرۈڭلار.
10 ئۇ يەر يۈزىنىڭ ئەڭ چەتلىرىگىچە ئۇرۇشلارنى توختىتىدۇ،
ئوقيالارنى ئوشتۇپ، نەيزىلەرنى سۇندۇرۇپ،
جەڭ ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.
11 ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر تىنچلىنىڭلار،
مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قويۇڭلار.
ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن يەر يۈزىدە، بارلىق ئەللەر ئارىسىدا».
12 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللىدۇر،
ياقۇبنىڭ خۇداسى بىزنىڭ ئېگىز قەلئەمىزدۇر.
سېلاھ.