47
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، قوراھ ئوغۇللىرى يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئەي بارلىق خەلقلەر، چاۋاك چېلىشىپ ئالقىشلاڭلار،
يۇقىرى ئاۋازدا خۇدانى مەدھىيىلەڭلار.
‏3 چۈنكى ھەممىدىن ئۇلۇغ پەرۋەردىگار بەھەيۋەتتۇر،
ئۇ پۈتۈن يەر يۈزىگە پادىشاھتۇر.
‏4 ئۇ خەلقلەرنى بىزگە بويسۇندۇردى،
ئەللەرنى پۇتلىرىمىزنىڭ ئاستىغا تىزدى.
‏5 ئۇ ئۆزى سۆيگەن ياقۇبنىڭ پەخرى بولغان مىراس يېرىمىزنى
تاللاپ بىزگە بەردى.
سېلاھ.
 
‏6 خۇدا تەنەنە سادالىرى ئىچىدە يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى،
بۇرغا سادالىرى ئىچىدە پەرۋەردىگار يۇقىرىغا ئۆرلىدى.   
‏7 سىلەر مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇڭلار،
خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار.
مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇپ،
پادىشاھىمىزغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار.
‏8 چۈنكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھىدۇر.
ئۇنىڭغا مەسمۇنلۇق مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار.
‏9 خۇدا ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
خۇدا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تەختىدە ئولتۇرىدۇ.
‏10 ئەللەرنىڭ ئېسىلزادىلىرى يىغىلىپ،
ئىبراھىمنىڭ خۇداسىنىڭ خەلقىگە قوشۇلىدۇ.
چۈنكى يەر يۈزىنىڭ قالقانلىرى خۇدانىڭكىدۇر.
ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر.