48
‏1 قوراھ ئوغۇللىرى يازغان ناخشا، بىر مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر،
خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا
ئۇ كۆپ مەدھىيىلىنىشكە لايىقتۇر.
‏3 ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ شەھىرىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى
كۆركەم ۋە ئېگىز سىئون تېغى پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ خۇشاللىقىدۇر.
‏4 خۇدا ئۇنىڭ ئوردىلىرىدا
ئۆزىنىڭ ئېگىز قەلئەدەك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ.
‏5 چۈنكى پادىشاھلار يىغىلىپ،
بىر بولۇپ ئۆتكىنىدە،
‏6 ئۇنى كۆرۈپلا ھەيران بولۇشۇپ،
قورقۇپ بەدەر قېچىشتى.
‏7 ئۇلار تولغاق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان ئايالدەك
قىينىلىپ دەھشەتكە چۈشتى.
‏8 سەن شەرقنىڭ شامىلى بىلەن
تارشىشنىڭ كېمىلىرىنى پاچاقلىۋېتىسەن.
‏9 بىز خۇددى ئاڭلىغىنىمىزدەك،
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە،
خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق.
خۇدا ئۇنى ئەبەدكىچە ساقلايدۇ.
سېلاھ.
 
‏10 ئەي خۇدا، سېنىڭ ئىبادەتخاناڭدا تۇرۇپ،
مېھىر-شەپقىتىڭ ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىمىز.
‏11 ئەي خۇدا، سېنىڭ نامىڭدەك،
شان-شۆھرىتىڭمۇ يەرنىڭ چەتلىرىگىچە يەتتى.
ئوڭ قولۇڭ ئادالەت بىلەن تولغان.
‏12 سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭدىن سىئون تېغى سۆيۈنسۇن،
يەھۇدا قىزلىرى شادلانسۇن.
‏13 سىئوننى ئايلىنىپ ئۇنىڭ چۆرىسىدە يۈرۈپ،
ئۇنىڭ قەلئە مۇنارلىرىنى ساناڭلار.
‏14 كېلىدىغان نەسىلگە دەپ بېرىش ئۈچۈن،
سېپىللىرىغا سەپسېلىپ قاراڭلار،
ئوردىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار.
‏15 چۈنكى خۇدا ئەبەدىلئەبەد خۇدايىمىزدۇر،
ئۇ ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە بىزنى يېتەكلەيدۇ.