49
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، قوراھ ئوغۇللىرى يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئەي ھەممە خەلقلەر، بۇنى ئاڭلاڭلار،
ئەي دۇنيادا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، قۇلاق سېلىڭلار.
‏3 مەيلى ئاددىي ياكى ئۇلۇغ كىشى بولسۇن،
مەيلى باي ياكى كەمبەغەل بولسۇن، ھەممىسى ئاڭلىسۇن.
‏4 ئاغزىم ھېكمەتنى سۆزلەيدۇ،
كۆڭلۈمنىڭ ئوي-خىياللىرى مەزمۇنلۇقتۇر.
‏5 مەن ھېكمەتلىك سۆزگە قۇلاق سېلىپ، سىرىمنى لىرا چېلىپ بايان قىلاي.
 
‏6 بېشىمغا بالا-قازا كەلگەن كۈنلەردە مەن نېمىشقا قورقاي،
مېنى قوغلىغۇچىلارنىڭ يامانلىقى مېنى قورشىۋالسا،
نېمىشقا دەھشەتكە چۈشەي؟
‏7 ئۇلار بايلىقىغا تايىنىدۇ،
مال-مۈلۈكلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن پەخىرلىنىدۇ.
‏8 لېكىن ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنى بەدەل تۆلەپ قۇتۇلدۇرالماس
ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇداغا بەدەل تۆلىيەلمەس.
‏9 چۈنكى جېنى ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدەل ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچ،
ئۇ ئەبەدكىچە ئادا قىلىنماس.
‏10 بولمىسا كىشى مەڭگۈ ياشاپ، گۆر كۆرمەيتتى.
‏11 مەلۇمكى، دانىشمەنلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ،
ئەخمەق ۋە نادانلارمۇ تۈگەپ كېتىدۇ.
ئۇلار ھەممىسى مال-مۈلكىنى باشقىلارغا تاشلاپ كېتىدۇ.
‏12 ئۇلار كۆڭلىدە: «بىزنىڭ ئۆيىمىز ئەبەدكىچە تۇرىدۇ،
ماكانلىرىمىز نەسىلدىن نەسىلگە قالىدۇ» دەپ خىيال قىلىپ،
ئۆز يەرلىرىنى ئۆز نامى بىلەن ئاتايدۇ.
‏13 لېكىن ئىنسان ئۆز ئىززىتىدە تۇرىۋەرمەيدۇ،
ھايۋانلارغا ئوخشاش يوق بولۇپ كېتىدۇ.
‏14 مانا، بۇ بولسا ئۇلارنىڭ ئەخمەقلىقىنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.
شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر ئۇلارنىڭ گېپىگە ئەگىشىدۇ.
سېلاھ.
 
‏15 ئۇلار قويلاردەك ھەيدىلىپ ئۆلۈكلەر دىيارىغا تاشلىنىدۇ،
ئۆلۈم ئۇلارنىڭ پادىچىسى بولۇپ قالىدۇ.
ئەتىسى سەھەر دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ.
ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ،
ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ لوقمىسى بولۇپ قالىدۇ.
‏16 لېكىن خۇدا مېنى قوبۇل قىلغاچقا،
ئۇ جېنىمنى ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ.
سېلاھ.
 
‏17 بىر كىشى بېيىپ كېتىپ، ئۆيىنىڭ شان-شەۋكىتى كۆتۈرۈلسىمۇ،
سەن قورقمىغىن.
‏18 چۈنكى ئۇ ئۆلگەندە ھېچ نەرسىنى ئېلىپ كېتەلمەس،
ئۇنىڭ شان-شەۋكىتى ئۇنىڭغا ئەگەشمەس.
‏19 گەرچە ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆزىنى بەختلىك دەپ ھېسابلىسىمۇ،
ياخشى كۈنلەر كۆرگىنىدە كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلىسىمۇ،
‏20 ئۇنىڭ جېنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ نەسلىگە قوشۇلىدۇ،
ئۇلار مەڭگۈ يورۇقلۇق كۆرەلمەيدۇ.
‏21 ئىززەت-ھۆرمەتلىك ئەمما ئاڭسىز ئادەم
يوق بولۇپ كېتىدىغان ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ.