50
1 ئاساف يازغان مەدھىيە ناخشىسى. قادىر خۇدا، پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ،
كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچە يەر يۈزىدىكىلەرنى چاقىرىدۇ.
2 گۈزەللىكنىڭ كامالىتى بولغان سىئوندىن
خۇدا شان-شەرەپ بىلەن پارلايدۇ.
3 خۇدايىمىز كېلىپ سۈكۈتتە تۇرمايدۇ،
ئۇنىڭ ئالدىدا يالاپ يۇتىدىغان بىر ئوت يالقۇنى كېلىدۇ،
ئۇنىڭ ئەتراپىدا شىددەتلىك بوران چىقىپ تۇرىدۇ.
4 ئۇ ئۆز خەلقىنى ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن
يۇقىرىدىكى ئاسماننى، يەرنىمۇ چاقىرىپ:
5 «قۇربانلىق ئارقىلىق مەن بىلەن ئەھدە تۈزگەن تەقۋادارلىرىمنى
ئالدىمغا يىغىڭلار» دەيدۇ.
6 خۇدا ھۆكۈم قىلغۇچى بولغاچ،
ئاسمانلار ئۇنىڭ ئادالىتىنى بايان قىلىدۇ.
سېلاھ.
7 ئەي مېنىڭ خەلقىم، ئاڭلىغىن، چۈنكى مەن سۆز قىلىمەن.
ئەي ئىسرائىل، ساڭا قارشى گۇۋاھلىق بېرىمەنكى:
مەن خۇدامەن، سېنىڭ خۇدايىڭمەن.
8 مەن سېنىڭ سويۇم قۇربانلىقلىرىڭ توغرىسىدا
سېنى ئەيىبكە بۇيرۇمايمەن.
سېنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ ھەمىشە ئالدىمدا تۇرىدۇ.
9 مەن سېنىڭ ئۆيۈڭدىن تورپاق
ۋە قوتانلىرىڭدىن تېكە ئالمايمەن.
10 چۈنكى ئورمانلاردىكى ھەممە ھايۋانلار
ۋە مىڭلىغان تاغلاردىكى مال-چارۋىلار مېنىڭكىدۇر.
11 تاغلاردىكى ھەممە قۇشلارنى تونۇيمەن،
يەردە ماڭىدىغان ھەممە جانىۋارلار مېنىڭكىدۇر.
12 ئەگەر ئاچ قالسام، ساڭا دېمەيتتىم،
چۈنكى دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىلەر مېنىڭكىدۇر.
13 مەن بۇقىلارنىڭ گۆشىنى يەمدىمەن،
تېكىلەرنىڭ قېنىنى ئىچەمدىمەن؟
14 شۈكۈر قۇربانلىقى سۈپىتىدە خۇداغا ھەمد ئېيتقىن،
ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇداغا قىلغان ۋەدىلىرىڭنى ئادا قىلغىن.
15 ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنىڭدە ماڭا پەرياد قىلساڭ، سېنى قۇتقۇزىمەن.
شۇندا سەن مېنى ئۇلۇغلايسەن.
16 لېكىن خۇدا يامان كىشىگە مۇنداق دەيدۇ:
«مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى بايان قىلىپ،
ئەھدەمنى ئاغزىڭغا ئېلىشقا نېمە ھەققىڭ بار؟
17 چۈنكى سەن تەربىيەمنى يامان كۆرىسەن،
مېنىڭ سۆزۈمنى ئارقاڭغا چۆرۈۋېتىسەن.
18 بىر ئوغرىنى كۆرسەڭ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇۋالىسەن،
بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارغا شېرىك بولىسەن.
19 ئاغزىڭنى يامانلىققا قويۇپ بېرىسەن،
تىلىڭ يالغان توقۇيدۇ.
20 سەن قېرىندىشىڭنى چېقىپ ئولتۇرىسەن،
ئۆز ئاناڭنىڭ بالىسىغا تۆھمەت قىلىسەن.
21 سەن بۇ ئىشلارنى قىلغىنىڭدا مەن ئۈن چىقارمىدىم.
سەن مېنىمۇ ئۆزۈڭگە ئوخشاش دەپ خىيال قىلاتتىڭ.
لېكىن مەن سېنى ئەيىبلەيمەن،
بۇ ئىشلارنى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىڭغا ئەكېلىپ كۆرسىتىمەن.
22 ئەي خۇدانى ئۇنتۇپ قالغانلار، ئەمدى چوڭقۇر ئويلىنىڭلار!
بولمىسا، مەن سىلەرنى پارە-پارە قىلىۋەتسەم،
ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزالماس.
23 ماڭا قۇربانلىق سۈپىتىدە شۈكۈر ئېيتقان كىشى مېنى ئۇلۇغلايدۇ.
مەن توغرا يولغا قەدەم قويغان ئادەمگە خۇدانىڭ نىجاتلىقىنى كۆرسىتىمەن». ■