51
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
‏2 ناتان پەيغەمبەر، داۋۇدنىڭ باتشېبا بىلەن بىر ئورۇندا ياتقىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندىن كېيىن يېزىلغان.
 
‏3 ئەي خۇدا، مېھىر-شەپقىتىڭگە مۇناسىپ ماڭا رەھىم قىلغىن،
چەكسىز رەھىمدىللىقىڭدا گۇناھلىرىمنى ئۆچۈرگىن.
‏4 يامانلىقىمدىن مېنى يۇيۇپ-تازىلاپ،
گۇناھىمدىن مېنى پاك قىلغىن.
‏5 چۈنكى مەن ئاسىيلىقلىرىمنى ئىقرار قىلىمەن،
گۇناھىم ھەمىشە كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ.
‏6 مەن پەقەت سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلىپ،
سېنىڭ نەزىرىڭدە رەزىل بولغان ئىشنى قىلدىم.
ئەمما سەن سۆزلىرىڭدە ھەقلىق،
ھۆكۈملىرىڭدە ئادىلسەن.
 
‏7 مانا، مەن گۇناھكار بولۇپ تۇغۇلدۇم،
ئانامنىڭ قورسىقىدا پەيدا بولغىنىمدىلا گۇناھكار ئىدىم.
‏8 مانا، سەن ھەقىقەتنىڭ ئىچ كۆڭۈلدە بولۇشىنى ئىستەيسەن.
شۇڭا قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىلىرىغا ھېكمىتىڭنى سالغىن.
‏9 مېنى پاك بولسۇن دەپ زۇپا ئۆسۈملۈكى بىلەن پاكلىغىن،
قاردىنمۇ پاك بولسۇن دەپ مېنى يۇغىن.   
‏10 ماڭا خۇشاللىق ۋە شادلىق ساداسىنى ئاڭلاتقىن،
سەن سۇندۇرغان ئۇستىخانلار قايتا شادلانسۇن.
‏11 گۇناھلىرىمدىن يۈزۈڭنى قاچۇرۇپ،
يامانلىقلىرىمنى ئۆچۈرۈۋەتكىن.
‏12 ئەي خۇدا، ئىچىمدە بىر پاك كۆڭۈل ياراتقىن،
ئىچىمدىكى روھنى يېڭىلاپ قەيسەر قىلغىن.
‏13 مېنى ھۇزۇرۇڭدىن چىقىرىۋەتمىگىن،
مۇقەددەس روھىڭنى مەندىن قايتۇرۇۋالمىغىن.
‏14 نىجاتلىقىڭنىڭ شادلىقىنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرگىن.
بىر غەيرەتلىك روھ مېنى يۆلەپ تۇرغۇزسۇن.
‏15 بۇنىڭ بىلەن مەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا سېنىڭ يوللىرىڭنى ئۆگىتەي،
گۇناھكارلار ساڭا قايتقاي.
 
‏16 ئەي خۇدا، مېنىڭ نىجاتكارىم بولغان خۇدا،
مېنى قان تۆكۈش گۇناھىدىن قۇتقۇزغىن.
تىلىم سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى كۈيلەپ ناخشا ياڭرىتىدۇ.
‏17 ئەي ئىگەم، مېنىڭ لەۋلىرىمنى ئاچقايسەن،
ئاغزىم ساڭا ھەمد ئېيتسۇن.
‏18 چۈنكى سەن قۇربانلىقنى خالىمايسەن،
كۆيدۈرمە قۇربانلىقتىن مەمنۇن بولمايسەن،
بولمىسا مۇنداق قۇربانلىقنى كەلتۈرەتتىم.
‏19 بەلكى پۇشايمان قىلىپ سۇنغان روھ خۇداغا لايىق قۇربانلىقتۇر.
ئەي خۇدا، سۇنۇق ۋە ئېزىلگەن كۆڭۈلگە سەن سەل قارىمايسەن.   
‏20 شاپائىتىڭ بىلەن سىئونغا ياخشىلىق قىلغىن،
يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى قايتا سالغىن.
‏21 ئۇ چاغدا سەن ھەققانىيلىق بىلەن كەلتۈرۈلگەن قۇربانلىقلاردىن،
كۆيدۈرمە ۋە پۈتۈن قۇربانلىقلاردىن سۆيۈنىسەن.
ئۇ چاغدا سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭدا تورپاقلار قۇربانلىق قىلىنىدۇ.