52
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان نەزمە.
‏2 بۇ ناخشا ئېدوملۇق دوئېگ، سائۇلغا كېلىپ: «داۋۇد ئاخىمەلەكنىڭ ئۆيىگە كىردى» دەپ ئۇنىڭغا خەۋەر بەرگەندىن كېيىن يېزىلغان.
 
‏3 ئەي زالىم، نېمە ئۈچۈن يامانلىقتىن پەخىرلىنىسەن؟
خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئۈزۈلمەس ئەمەسمۇ؟
‏4 سېنىڭ ئالدامچى تىلىڭ ئۆتكۈر بىر ئۇستىرىغا ئوخشار،
ئۇ بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلەر.
‏5 سەن ياخشىلىقتىن كۆرە يامانلىقنى دوست تۇتىسەن،
توغرا گەپ قىلىشتىن كۆرە يالغانچىلىقنى ياخشى كۆرىسەن
سېلاھ.
 
‏6 ئەي ئالدامچى تىل، سەن بۇزغۇنچى سۆزلەرنى ياخشى كۆرىسەن.
‏7 شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا سېنى ئەبەدكىچە ھالاك قىلىۋېتىدۇ.
ئۇ سېنى تۇتۇپ چېدىرىڭدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.
ئۇ سېنى يىلتىزىڭدىن قومۇرۇپ،
تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن يۇلۇپ تاشلايدۇ.
سېلاھ.
 
‏8 ھەققانىيلار بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ،
ھەم ئۇنى زاڭلىق قىلىپ كۈلىدۇ:
‏9 «مانا، خۇدانى ئۆزىگە پاناھگاھ قىلماي، چوڭ دۆلىتىگە تايىنىپ،
ئۆز يامانلىقى بىلەن كۈچلەنگەن ئادەمگە قاراڭلار» دەيدۇ.
 
‏10 ئەمما مەن بولسام خۇدانىڭ بەيتىدە يېشىل زەيتۇن دەرىخىدەك تۇرۇپ،
ئەبەدىلئەبەد خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىمەن.
‏11 قىلغان ئىشلىرىڭ ئۈچۈن ئەبەدكىچە شۈكۈر ئېيتىمەن،
تەقۋادارلىرىڭ ئارىسىدا نامىڭغا ئۈمىد باغلايمەن،
چۈنكى سېنىڭ نامىڭ ياخشى.