53
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ماخالات» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان نەزمە. 2 ئەخمەقلەر كۆڭلىدە: «خۇدا يوقتۇر» دەيدۇ.
ئۇلار ئۆزلىرىنى چىرىتىدۇ،
قىلمىشلىرى يىرگىنچلىك ۋە رەزىلدۇر.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياخشىلىق قىلغۇچى يوقتۇر.
3 خۇدا ئەرشتىن قاراپ: «دانا بىرى بارمۇ؟
خۇدانى ئىزدەيدىغان كىشى بارمۇ؟» دەپ،
ئادەم بالىلىرىغا نەزەر سالىدۇ.
4 ھەممىسى ئېزىقىپ كەتتى،
ھەممىسى بىرلىكتە بۇزۇلدى.
ياخشىلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر.
5 نان يېگەندەك خەلقىمنى يەپ يۇتىدىغان رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ
چۈشەنگۈدەك ئەقلى يوقمۇ؟
ئۇلار خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلمايدۇ.
6 دەھشەت يوق يەردە ئۇلار دەھشەتكە چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئۇلار سېنى قورشاۋغا ئالغاچقا،
خۇدا ئۇلارنىڭ ئۇستىھانلىرىنى چېچىۋېتىدۇ.
خۇدا ئۇلارنى رەت قىلغاچقا،
سەن ئۇلارنى ئۇياتقا قالدۇرىسەن.
7 كاشكى ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى سىئوندىن كەلسە ئىدى.
خۇدا ئۆز خەلقىنى ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇپ ئەسلىگە كەلتۈرگەندە،
ياقۇب شادلىنىدۇ، ئىسرائىل خۇشاللىققا تولىدۇ.