54
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان نەزمە. 2 بۇ شېئىر زىفلىكلەر، سائۇلنىڭ يېنىغا كېلىپ: «داۋۇد بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغان ئەمەسمۇ؟» دەپ ئېيتقاندىن كېيىن يېزىلغان.
3 ئەي خۇدا، ئۆز نامىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزغىن،
قۇدرىتىڭ بىلەن ھەققىمنى قوغدىغىن.
4 ئەي خۇدا، مېنىڭ دۇئايىمنى ئاڭلىغىن،
ئاغزىمدىن چىققان سۆزلەرگە قۇلاق سالغىن.
5 چۈنكى يات ئادەملەر ماڭا قارشى چىقتى،
زالىملار جېنىمنى ئالماقچى.
ئۇلار خۇدانى نەزىرىگە ئىلمايدۇ.
سېلاھ.
6 مانا، خۇدا مېنىڭ مەدەتكارىم،
ئىگەم مېنىڭ يار-يۆلىكىمدۇر.
7 مېنى پايلاپ تۇرغان دۈشمەنلىرىمنىڭ يامانلىقى
ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە قايتسۇن.
ۋاپادارلىقىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن.
8 ئەي پەرۋەردىگار، مەن چىن كۆڭلۈمدىن ساڭا قۇربانلىق سۇنىمەن،
سېنىڭ نامىڭنى مەدھىيىلەيمەن،
چۈنكى نامىڭ ياخشىدۇر.
9 چۈنكى ئۇ مېنى ھەممە بالا-قازالاردىن قۇتقۇزدى،
ئۆز كۆزۈم بىلەن دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇپ بولغىنىنى كۆردۈم.