55
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان نەزمە.
 
‏2 ئەي خۇدا، دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن،
يالۋۇرۇشۇمدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغىن.
‏3 ماڭا دىققىتىڭنى بەرگىن ۋە جاۋاب بەرگىن.
مەن دەرد-ئەلەم ئىچىدە تولغىنىپ،
داد-پەرياد قىلىپ يۈرىمەن.
‏4 دۈشمەننىڭ ئۈنلۈك ئاۋازلىرى
ۋە رەزىللەرنىڭ زۇلۇمى سەۋەبىدىن پەرياد كۆتۈرىمەن،
چۈنكى ئۇلار بېشىمغا يامانلىق كەلتۈرۈپ،
غەزەپ بىلەن مېنى قىينايدۇ.
‏5 ئىچىمدە يۈرىكىم ئازابتىن تولغاندى،
ئۆلۈم ۋەھشەتى ئۈستۈمنى باستى.
‏6 قورقۇنچ ۋە تىترەك مېنى چىرمىۋالدى،
دەھشەت مېنى بېسىۋالدى.
‏7 كاشكى كەپتەردەك قانىتىم بولسا ئىدى،
ئۇچۇپ كېتىپ ئارام تاپار ئىدىم.
‏8 مەن يىراققا قېچىپ كېتىپ،
چۆل-باياۋاندا قونار ئىدىم.
سېلاھ.
 
‏9 بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇردىن قېچىپ،
ئالدىراپ پاناھ جايغا قاچار ئىدىم.
 
‏10 ئەي ئىگەم، ئۇلارنى قالايمىقانچىلىققا سېلىپ،
تىللىرىنى بۆلۈۋەتكىن.
چۈنكى شەھەردە زوراۋانلىق
ۋە جېدەل-ماجىرا كۆردۈم.
‏11 ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ سېپىللىرىنىڭ ئۈستىدە ئايلىنىپ يۈرىدۇ.
شەھەرنىڭ ئىچى يامانلىق ۋە مۇسىبەت بىلەن تولغان.
‏12 رەزىللىك ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ،
زۇلۇم ۋە ھىيلە ئۇنىڭ كوچىلىرىدىن كەتمەيدۇ.
‏13 دۈشمىنىم ئەمەس ماڭا ھاقارەت قىلغۇچى،
بولمىسا ئۇنىڭغا چىدايتتىم.
ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ماڭا قارشى چىققان كىشى
ئەسلى مېنى ئۆچ كۆرگۈچى ئەمەس،
بولمىسا ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى يوشۇراتتىم.
‏14 ئەمما سەن، مېنىڭ تەڭدىشىم،
مېنىڭ دوستۇم ۋە ئادىشىم تۇرۇپ، بۇنى قىلدىڭ.
‏15 بىز بىر-بىرىمىز بىلەن ئىناق ئۆتكەن سىرداش ئىدۇق،
بىللە مېڭىپ جامائەتكە قوشۇلۇپ، خۇدانىڭ بەيتىگە باراتتۇق.
‏16 ئۆلۈم ئۇلارنى تۇيۇقسىز بېسىۋالسۇن،
ئۇلار ھايات تۇرۇپ، ئۆلۈكلەر دىيارىغا چۈشۈپ كەتسۇن،
چۈنكى ئۇلارنىڭ ماكانلىرى ۋە كۆڭۈللىرى يامانلىققا تولغان.
 
‏17 مەن بولسام پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىمەن،
ئۇ مېنى قۇتقۇزىدۇ.
‏18 ئاخشامدا، ئەتىگەندە ۋە چۈش ۋاقتىدا پەرياد قىلىپ ئاخ ئۇرسام،
ئۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ.
‏19 ماڭا ھۇجۇم قىلغانلار كۆپ بولسىمۇ،
ماڭا قارشى قىلىنغان جەڭدىن ئۇ مېنى قۇتۇلدۇرۇپ،
جېنىمغا ئارام بېرىدۇ.
‏20 ئەزەلدىن بېرى ئۆز تەختىدە ئولتۇرغان خۇدا ئاڭلايدۇ،
ۋە ئۇلارغا جازا بېرىدۇ.
سېلاھ.
چۈنكى ئۇلاردا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق،
ئۇلار خۇدادىن قورقمايدۇ.
 
‏21 ئۇ ئۆزى بىلەن دوست بولغانلارغا قارشى مۇشت كۆتۈردى،
ئۆزى بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزدى.   
‏22 ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەر سېرىق مايدەك سىلىق بولسىمۇ،
كۆڭلى ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان.
ئۇنىڭ سۆزلىرى ياغدىن يۇمشاق بولسىمۇ، ئەسلىدە سۇغۇرۇلغان قىلىچلاردۇر.
 
‏23 يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغىن، ئۇ سېنى يۆلەيدۇ.
ئۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ تەۋرىنىشىگە مەڭگۈ يول قويمايدۇ.
‏24 سەن، ئەي خۇدا، ئۇلارنى ھالاكەتنىڭ ھاڭىغا تاشلايسەن.
قانخور ۋە ھىيلىگەر كىشىلەر ئۆمرىنىڭ يېرىمىگىچە ياشىيالماس.
بىراق مەن بولسام، ساڭا تايىنىمەن.