56
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «يىراقتىكى خامۇش كەپتەر» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد گات شەھىرىدە فىلىستىنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ۋاقتىدا يازغان مىقتام. ■ 2 ئەي خۇدا، ماڭا رەھىمدىل بولغىن،
چۈنكى ئادەملەر مېنى يۇتۇۋالماقچى،
ئۇلار كۈن بويى ماڭا قارشى جەڭ قىلىپ مېنى قىينايدۇ.
3 كۈن بويى دۈشمەنلىرىم مېنى يۇتۇۋېلىشنى ئويلايدۇ.
ماڭا قارشى جەڭ قىلغۇچىلار ئىنتايىن كۆپتۈر، ئۇلۇغ خۇدايىم!
4 لېكىن مەن قورققان چاغدا،
ساڭا تايىنىمەن.
5 مەن سۆزىنى ماختاپ ئۇلۇغلايدىغان خۇداغا،
خۇدانىڭ ئۆزىگە تايىنىپ، ھېچ قورقمايمەن.
ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ ■
6 مانا، ئۇلار كۈنى بويى سۆزلىرىمنى بۇرمىلايدۇ،
ھەممە ئوي-خىياللىرى ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.
7 ئۇلار ماڭا قارشى بىرلىشىپ، ماراپ تۇرىدۇ،
ھەرىكەتلىرىمنى پايلاپ يۈرۈپ، جېنىمغا قەست قىلىدۇ.
8 ئۇلار مۇنداق يامانلىق قىلىپ تۇرۇپ، قۇتۇلۇپ كېتەمدۇ؟
ئەي خۇدا، غەزىپىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇپ يىقىتقىن.
9 سەن سەرسانلىقلىرىمنى خاتىرىلەپ،
كۆز ياشلىرىمنى تۇلۇمۇڭغا يىغىپ قويدۇڭ.
ئۇلار دەپتىرىڭدە يېزىلغان ئەمەسمۇ؟
10 مەن ساڭا ئىلتىجا قىلغان كۈندە،
دۈشمەنلىرىم ئارقىسىغا چېكىنىدۇ.
شۇنى بىلدىمكى، خۇدا مېنىڭ تەرىپىمدە.
11 مەن سۆزىنى ماختاپ ئۇلۇغلايدىغان خۇداغا،
مەن سۆزىنى ماختاپ ئۇلۇغلايدىغان پەرۋەردىگارغا،
12 خۇدانىڭ ئۆزىگە تايىنىپ، ھېچنېمىدىن قورقمايمەن.
ئىنسان ماڭا نېمە قىلالىسۇن؟
13 ئەي خۇدا، مېنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىلىرىم بار.
شۇڭا ساڭا شۈكۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇناي.
14 چۈنكى سەن مېنى خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھاياتلىق نۇرىدا ماڭسۇن دەپ
جېنىمنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزدۇڭ،
پۇتلىرىمنى تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلىدىڭ.