57
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغىن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد سائۇلدىن قېچىپ غارغا يوشۇرۇنۇۋالغاندا يازغان مىقتام.   
 
‏2 ماڭا رەھىمدىل بولغىن، ئەي خۇدا،
ماڭا رەھىمدىل بولغىن،
چۈنكى جېنىم سېنى پاناھ قىلدى.
بۇ بالا-قازالار ئۆتۈپ بولغۇچە
قاناتلىرىڭنىڭ سايىسىدا پاناھ تاپىمەن.
‏3 بەرھەق، ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇداغا نالە قىلىمەن،
مەن ئۈچۈن ھەممىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان خۇداغا پەرياد قىلىمەن.
‏4 ئۇ ئەرشتىن نىجاتلىق ئەۋەتىپ مېنى قۇتقۇزىدۇ.
مېنى يۇتۇۋالماقچى بولغانلارنى ئۇ شەرمەندە قىلىدۇ.
سېلاھ.
خۇدا مېھىر-شەپقىتىنى ئەۋەتىپ، ۋاپادارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
 
‏5 جېنىم شىرلار ئارىسىدا قالدى،
ئوت يالقۇنلىرىغا ئوخشايدىغان ئادەم بالىلىرىنىڭ ئارىسىدا ياتىمەن.
ئۇلارنىڭ چىشلىرى نەيزە ۋە يا ئوقى، تىللىرى ئۆتكۈر قىلىچتۇر.
‏6 ئەي خۇدا، ئاسمانلار ئۈستىدە ئۇلۇغلانغايسەن،
شان-شەرىپىڭ پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىغاي.
 
‏7 ئۇلار پۇتلىرىمغا تور قۇردى، جېنىم پۈكۈلدى.
ئۇلار مەن ئۈچۈن ئورا كولىدى، لېكىن ئۆزلىرى ئۇنىڭغا چۈشتى.
سېلاھ.
 
‏8 يۈرىكىم تەۋرەنمەس، ئەي خۇدا، يۈرىكىم تەۋرەنمەس.
مەن ناخشا ئېيتىپ، سېنى مەدھىيىلەيمەن.
‏9 ئويغان، ئەي روھىم،
ئويغان، ئەي چىلتار بىلەن لىرا.
تاڭنى ئويغىتاي.
‏10 ئەي ئىگەم، خەلقلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن،
ئەللەر ئارىسىدا ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن.
‏11 چۈنكى سېنىڭ مېھىر-شەپقىتىڭ ئاسمانلاردىن كەڭرىدۇر،
چەكسىز ۋاپادارلىقىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشقاندۇر.
‏12 ئەي خۇدا، سەن ئاسمانلار ئۈستىدە ئۇلۇغلانغايسەن،
شان-شەرىپىڭ پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىغاي.