58
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغىن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مىقتام. ■ 2 ئەي سىلەر، ھەقىقەتەن راست گەپ قىلىۋاتامسىلەر؟
ئەي ئادەم بالىلىرى، ئادىل ھۆكۈم چىقىرامسىلەر؟
3 ياق، سىلەر كۆڭلۈڭلاردا يامانلىق ئويلاپ چىقىسىلەر.
قوللىرىڭلارنىڭ قىلىدىغان زوراۋانلىقىنى تارازىدا ئۆلچەپ،
يەر يۈزىگە چاچىسىلەر.
4 يامانلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ يولدىن ئېزىپ كەتكەن،
يالغانچىلار قورساقتىن چۈشكەندىن تارتىپ گۇمراھ بولغان.
5 ئۇلارنىڭ زەھىرى يىلاننىڭ زەھىرىدەكتۇر،
ئۇلار قۇلاقلىرى ئېتىلگەن،
6 ئۇستا سېھىرگەرنىڭ نەي ئاۋازىنى
ئاڭلىمايدىغان گاس يىلاندەكتۇر.
7 ئەي خۇدا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى چىشلىرىنى سۇندۇرۇۋەتكىن.
ئەي پەرۋەردىگار، ئۇ شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى يۇلۇۋەتكىن.
8 ئۇلار ئېرىپ ئېقىپ كەتكەن سۇدەك يوقالسۇن.
ئۇلار ئوقيالىرىنى بەتلىسە، ئوقلىرىنىڭ ئۇچى سۇنۇپ كەتسۇن.
9 ئۇلار قۇلۇلىنىڭ تېز يوقىلىدىغان ئىزىدەك يوقىلىپ كەتسۇن،
چالا تۇغۇلغان بالىدەك كۈن كۆرمىسۇن.
10 يېقىلغان يانتاقلارنىڭ ئىسسىقى قازانلىرىڭلارغا تەككۈچە،
بوران ھۆل-يېشىلىنىمۇ، ئوت تۇتاشقىنىنىمۇ
تەڭ ئۇچۇرۇۋېتىدۇ.
11 ئەمما ھەققانىي ئادەم خۇدانىڭ ئىنتىقامىنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپ،
يامانلارنىڭ قېنىدا پۇتلىرىنى يۇيىدۇ.
12 شۇڭا ئادەملەر: «شەكسىزكى ھەققانىي كىشىگە ئىنئام بېرىلىدۇ،
شۈبھىسىزكى يەر يۈزىدە ھۆكۈم قىلىدىغان بىر خۇدا باردۇر» دەيدۇ.