59
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغىن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، سائۇل كىشى ئەۋەتىپ داۋۇدنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆيىنى پايلاتقان چاغدا داۋۇد يازغان مىقتام. ■ 2 ئەي خۇدايىم، دۈشمەنلىرىمدىن مېنى قۇتقۇزغىن.
مېنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،
ماڭا قارشى چىققانلاردىن مېنى قوغدىغىن.
3 يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن مېنى ئازاد قىلغىن،
قانخور ئادەملەردىن مېنى قۇتقۇزغىن.
4 مانا، ئۇلار جېنىمنى ئېلىش ئۈچۈن پايلىماقتا.
ئەي پەرۋەردىگار، جىنايىتىم ۋە گۇناھىم بولمىسىمۇ،
زالىملار ماڭا قارشى بىرلىشىپ قەست قىلماقتا.
5 دەرۋەقە ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغان بولساممۇ،
ئۇلار يۈگۈرۈپ كېلىپ، ھۇجۇم قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ.
ئەمدى ماڭا ياردەم بېرىشكە ئويغانغىن،
ھالىمغا نەزەر سالغىن.
6 ئەي ئىسرائىلنىڭ خۇداسى،
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا،
ھەممە ئەللەرگە جازا بېرىشكە قوزغالغىن،
خىيانەتچى رەزىللەرنىڭ ھېچبىرىگە رەھىم قىلمىغىن.
سېلاھ.
7 ئۇلار ئاخشىمى قايتىپ كېلىپ،
ئىتتەك ھاۋشۇپ، شەھەرنى ئايلىنىپ يۈرىدۇ.
8 مانا، ئۇلار ئاغزى بىلەن ھاقارەت قىلىپ تۈكۈرۈپ سۆزلەيدۇ،
ئۇلارنىڭ لەۋلىرىدە قىلىچ بار،
ئۇلار: «كىممۇ ئاڭلايدۇ؟» دەيدۇ.
9 ئەمما سەن، ئەي پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۈلىسەن،
ھەممە ئەللەرنى مەسخىرە قىلىسەن.
10 ئەي مېنىڭ كۈچۈمنىڭ ئىگىسى، ساڭا تەلمۈرىمەن،
چۈنكى خۇدا مېنىڭ ئېگىز قەلئەمدۇر.
11 خۇدايىمنىڭ مېھىر-شەپقىتى مېنى يوقلايدۇ،
خۇدا مېنى، پايلاپ تۇرغان دۈشمەنلىرىمنىڭ
مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلىدۇ.
12 ئۆلتۈرۈۋەتمىگىن ئۇلارنى،
بولمىسا خەلقىم ئۇنتۇپ قالىدۇ.
قۇدرىتىڭ بىلەن سەرسان ۋە پەس قىلغىن ئۇلارنى.
ئەي ئىگەم، بىزنىڭ قالقىنىمىز سەن!
13 ئۇلارنىڭ ئاغزىنىڭ گۇناھى ۋە لەۋلىرىنىڭ سۆزلىرى
ئۇلارنى كىبىرلىكىنىڭ تۇزىقىغا چۈشۈرسۇن.
چۈنكى ئۇلار لەنەت ئوقۇپ يالغان سۆزلەيدۇ
14 غەزىپىڭدە ئۇلارنى ھالاك قىلغىن،
ئىزلىرىنىمۇ قالدۇرماي ئۇلارنى يوقاتقىن.
شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ ياقۇبقا ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى
تا يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ئايان بولسۇن.
سېلاھ.
15 ھەر ئاخشىمى ئۇلار قايتىپ كېلىپ،
ئىتتەك ھاۋشۇپ،
شەھەرنى ئايلىنىپ يۈرىدۇ.
16 ئۇلار ئوزۇق ئىزدەپ تېنەپ يۈرىدۇ،
تويماي قالسا، كېچىچە غىڭشىپ ھۇۋلايدۇ.
17 لېكىن مەن بولسام سېنىڭ قۇدرىتىڭنى مەدھىيىلەپ ناخشا ياڭرىتىمەن،
ھەر سەھەر مېھىر-شەپقىتىڭدىن شادلىنىمەن،
چۈنكى سەن مېنىڭ ئېگىز قەلئەم،
يامان كۈنلەردە پاناھگاھىمسەن.
18 ئەي مېنىڭ كۈچۈم، ساڭا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن،
چۈنكى خۇدا مېنىڭ ئېگىز قەلئەم،
ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكۈچى خۇدايىمدۇر.