60
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گۇۋاھلىق نىلۇپەر» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مىقتام. ■ 2 بۇ ناخشا، داۋۇد ئارام-ناخارايىم ۋە ئارام-زوبا بىلەن ئۇرۇشقاندىن كېيىن، يوئاب قايتىپ كېلىپ، تۇز ۋادىسىدا ئېدوملۇقلاردىن ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن يېزىلغان.
3 ئەي خۇدا، بىزنى سۇندۇرۇپ تاشلاۋەتتىڭ،
بىزگە غەزەپلەندىڭ.
ئەمدى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغىن بىزنى.
4 سەن يەرنى تەۋرىتىپ ئۇنى يېرىۋەتتىڭ.
ئەمدى ئۇنىڭ يىرتىق-تۆشۈكلىرىنى ئوڭلاپ قويغىن،
چۈنكى ئۇ لىڭشىپ قالدى.
5 سەن ئۆز خەلقىڭنى قاتتىق ئازابقا سالدىڭ،
بىزگە ئالاقزادىلىكنىڭ شارابىنى ئىچكۈزدۈڭ.
6 ئوقيالاردىن قاچقىنىدا پاناھ بولسۇن دەپ،
سەن ئۆزۈڭدىن قورققانلار ئۈچۈن تۇغ تىكلىدىڭ.
سېلاھ. ■
7 سۆيگەنلىرىڭنى نىجاتلىق تاپسۇن دەپ،
ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغىن،
دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن.
8 خۇدا ئۆز مۇقەددەسلىكىدە مۇنداق دېگەن:
«شەكەمنى بۆلۈپ،
سۇككوت ۋادىسىنى ئۆلچەپ بەرگىنىمدە شادلىنىمەن.
9 گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر،
ماناسسەمۇ ئۆزۈمگە مەنسۇپتۇر.
ئەفرائىم بولسا بېشىمنىڭ دۇبۇلغۇسى،
يەھۇدا سەلتەنەت ھاسامدۇر.
10 موئاب مېنىڭ كىر يۇيۇش دېسىمدۇر،
ئېدومغا چورۇقۇمنى تاشلايمەن.
فىلىستىيە ئۈستىدىن غالىب كېلىپ تەنتەنە قىلىمەن».
11 كىم مېنى مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەر؟
كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارار؟
12 ئەي خۇدا، سەن ئۆزۈڭ بىزنى تاشلىۋەتتىڭ ئەمەسمۇ؟
ئەي خۇدا، قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە ماڭماس بولدۇڭ ئەمەسمۇ؟
13 دۈشمەنگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن،
چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر.
14 بىز خۇدا ئارقىلىق باتۇرلۇق كۆرسىتىمىز.
ئۇ ئۆزى دۈشمەنلىرىمىزنى چەيلەيدۇ.