61
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان ناخشا. 2 ئەي خۇدا، پەريادىمنى ئاڭلىغىن،
دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن.
3 دىلىم سىقىلغاندا يەرنىڭ چېتىدىن ساڭا نالە قىلىمەن.
ئۆزۈم چىقالمايدىغان ئېگىز قورام تاشقا ئېلىپ چىققىن مېنى.
4 چۈنكى سەن مېنىڭ پاناھىم،
دۈشمەندىن قوغدايدىغان مۇستەھكەم قەلئەمسەن.
5 مەن مەڭگۈ سېنىڭ چېدىرىڭدا تۇرىمەن،
قاناتلىرىڭنىڭ سايىسىدا پاناھ تاپىمەن.
سېلاھ.
6 ئەي خۇدا، سەن مېنىڭ ۋەدىلىرىمنى ئاڭلىدىڭ،
نامىڭدىن قورققانلارنىڭ مىراسىدىن ماڭىمۇ بەردىڭ.
7 سەن پادىشاھنىڭ كۈنلىرىگە كۈن قوشىسەن،
ئۇنىڭ يىللىرىنى نەسىلدىن نەسىلگە ئۇزارتىسەن.
8 ئۇ ئەبەدكىچە خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولىدۇ.
سېنىڭ مېھىر-شەپقىتىڭ ۋە ۋاپادارلىقىڭ ئۇنى قوغداپ تۇرغاي. ■
9 ئۇنداق بولسا، مەن ھەر كۈنى ۋەدىلىرىمنى ئادا قىلىمەن،
مەڭگۈگە سېنىڭ نامىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن.